ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىملىرى كىملەر؟

ئىككى ھەرەمنىڭ ئىمامى، ئەللامە بىن باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«پەيغەمبەرلەردىن كېيىنكى ئەڭ كاتتا ئالىملار رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ نىڭ ساھابىلىرىدۇر. ھەقىقەتەن ئۇلار كامالەتكە يەتكەن فەقىھلەر بولۇپ، ئىلمىنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ دىن بىۋاسىتە ئۆگەنگەن. ئۇلار رەببىنىڭ كىتابىنى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ (عَلَيْهِ ‌الصَّلَاةُ ‌وَالسَّلَامُ) سۈننىتىنى ئىنتايىن چوڭقۇر چۈشەنگەن ھەمدە ئۇنى ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يېڭى ۋە ساپ ھالىتىدە يەتكۈزگەن. ئۇلار دىننى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلغان. شۇنداقلا ئىلىمنى ئۆزىدىن كېيىنكى تابىئىنلارغا يەتكۈزگەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى ھەم تەلەپپۇز، ھەم تەپسىر، ھەم تىلاۋەت جەھەتتە ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە يەتكۈزگەن.»

مەنبە: «ئىمام بىن بازنىڭ ماقالە – پەتىۋالار توپلىمى» 10 – توم 9 – بەت.

* شۇنداق بولغانىكەن، ساھابىلەر باشچىلىقىدىكى سەلەف سالىھلارنىڭ يولىدا مېڭىش، پالانى – پۇستانىنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەس، ئەقىدىنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ دىن بىۋاسىتە ئۆگەنگەن ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە ئەگىشىش بىردىنبىر توغرا يولدۇر.

پەتىۋانىڭ ئەسلى مەتنى:

وعلى رأس العلماء بعد الرسل أصحاب الرسول عليه الصلاة والسلام، فإنهم هم الفقهاء على الكمال، الذين تلقوا العلم عن رسول الله عليه الصلاة والسلام، وتفقهوا في كتاب ربهم وسنة نبيهم عليه الصلاة والسلام، ونقلوا ذلك إلى من بعدهم غضا طريا، تفقهوا وعملوا، ونقلوا العلم إلى من بعدهم من التابعين، نقلوا كتاب الله إلى من بعدهم لفظا وتفسيرا وقراءة.