كىسرا (يەنى ئىران پادىشاھى)نىڭ ئىككى نەپەر ئەلچىسى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يېنىغا كىرىپ كەلدى.
بۇ ئەلچىلەر ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بۇرۇتلىرىنى ئۇزارتىۋېلىشقانىدى. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئۇلارغا قارىغۇسى كەلمىدى (يەنى دەسلەپتە ئۇلاردىن يۈزىنى ئۆرۈۋالدى). ئاندىن ئۇلارغا يۈزلىنىپ: «ۋاي سىلەرگە! كىم سىلەرنى مۇشۇنداق قىلىشقا (يەنى ساقالنى چۈشۈرۈپ، بۇرۇتنى ئۇزارتىشقا) بۇيرۇدى؟» دېدى. ئۇلار: «رەببىمىز (كىسرانى دېمەكچى) بىزنى مۇشۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «لېكىن، مېنىڭ رەببىم (يەنى ئاللاھ) مېنى ساقىلىمنى ئۆستۈرۈپ، بۇرۇتۇمنى قىسقارتىشقا بۇيرۇدى» دېدى [بۇ ھەدىسنى ئىمام تەبەرى «تاريخ الطبري»دە، ئىمام ئىبنى سەئىد «الطبقات»تا، ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر «التمهيد»تە رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئىمام ئەلبانى «فقه السيرة»نىڭ تەھقىقىدە «ھەسەن» دەپ باھالىغان. يۇقىرىقى لەۋز ئىمام تەبەرىنىڭ رىۋايىتىدىن ئېلىنغان]
ودخلا على رسول الله صلى الله عليه وسلم وقد حلقا لحاهما، وأعفيا شواربهما، فكره النظر إليهما، ثم أقبل عليهما فقال: «ويلكما! من أمركما بهذا؟» قالا: أمرنا بهذا ربنا (يعنيان كسرى) فقال رسول الله صلى الله عليه وسلم: «لكن ربي قد أمرني بإعفاء لحيتي وقص شاربي» [رواها ابن جرير الطبري في تاريخه، وابن سعد في الطبقات، وابن عبد البر في التمهيد، وحسنها الألباني في تخريجه لفقه السيرة]
بۈگۈن نۇرغۇنلىرىمىز پەرۋا قىلمايۋاتقان ساقالنى كامىل قويماسلىق گۇناھىغا قارىتا، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ پوزىتسىيەسى ئەنە شۇنداق بولغان. شۇڭا، ھەرقانداق سەۋەب تۈپەيلى، بۇ مەسىلىگە سەل قاراپ كەلگەن بولساق، بۈگۈندىن باشلاپ بولسىمۇ، ساقال كېسىدىغان خاتالىقىمىزغا خاتىمە بېرىپ، ساقالنى كامىل قويۇشقا تىرىشايلى. نېمىنىڭ مۇھىم، نېمىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى بىزنىڭ نەپسى خاھىشىمىز ئەمەس، بەلكى ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلەيدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بىزگە يېتىپ كەلگەندە «ئاڭلىدۇق ۋە ئىتائەت قىلدۇق» دېيىش ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە شۇ كۆرسەتمىلەرگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىشتۇر.
