ئەبۇزەر ئەلغىفارى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ بىر قېتىم مەسجىدكە كىرىپ، رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يالغۇز ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەن ۋە ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، «يا رەسۇلۇللاھ! نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قايسى؟» دەپ سورىغان، رەسۇلۇللاھ ﷺ جاۋابەن: «ئايەتۇل كۇرسى» دېگەن ۋە «يەتتە ئاسمان كۇرسنىڭ ئىچىدە خۇددى چۆل – باياۋانغا تاشلانغان ئۈزۈكتەك (كىچىك)تۇر. شۇنداقلا، ئەرش كۇرسقا نىسبەتەن، ئاشۇ چۆل – باياۋان ئاشۇ ئۈزۈكتىن چوڭ بولغاندەك (يەنى شۇ دەرىجىدە) چوڭدۇر» دېگەن [بۇ ھەدىسنى ئىبنى ئەبى شەيبە، ھاكىم ۋە باشقىلار توپلىغان. شەيخ ئەلبانى «ئەسسەھىھە» 109 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان].
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
