ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب رەھىمەھۇللاھ بىر جۈمە خۇتبىسىدە تەۋھىدنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن:
«مەقسەتكە كەلسەك، ئى ئىنسانلار! ئاللاھ تەئالادىن قورقۇڭلار! شۇنداقلا، ئەتىگەن – ئاخشامدا لا إله إلا الله (ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەق ئىلاھ يوقتۇر) دېگەن كەلىمىنىڭ مەنىسىنى تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ئىمانىڭلارنى يېڭىلاڭلار. ئى بەسىرەت ۋە قۇتۇلۇش ئەھلى! قۇتۇلۇشقا چاقىرىڭلار. (شۇنى بىلىڭلاركى) لا إله إلا الله نىڭ ئەھلىدىن باشقىلار ئۈچۈن قۇتۇلۇش يوقتۇر. لا إله إلا الله ئىسلام كەلىمىسىدۇر ۋە ئامانلىق دىيارىنىڭ (يەنى جەننەتنىڭ) ئاچقۇچىدۇر. لا إله إلا الله بولمىسا، ئاسمان – زېمىن مۇقىم تۇرالمايدۇ، مۇستەھەب ۋە پەرز ئەمەللەر دۇرۇس بولمايدۇ، ئەمەللەردىن ھېساب ئېلىنىدىغان كۈندە ھېچكىم قۇتۇلالمايدۇ. جىھاد قىلىچلىرى پەقەت لا إله إلا الله ئۈچۈن قىنىدىن سۇغۇرۇلدى. پەيغەمبەرلەر پەقەت بەندىلەرگە لا إله إلا الله گە بىنائەن ئەمەل قىلىشنى ئۆگىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدى.»
مەنبە: الخطبة المنبرية (مۇنبەر خۇتبىلىرى) 55 – بەت.
«أما بعد فيا أيها الناس، اتقوا الله تعالى، وجددوا إيمانكم في المساء والصباح بتأمل معنى لا إله إلا الله. فيا ذوي العقول الصحاح، ويا ذوي البصائر والفلاح، نادوا بالفلاح، فلا فلاح إلا لأهل لا إله إلا الله. فكلمة الإسلام ومفتاح دار السلام لا إله إلا الله. فلا قامت السموات والأرض، ولا صحت السنة والفرض، ولا نجا أحد يوم العرض إلا بلا إله إلا الله. ولا جردت سيوف الجهاد، وأرسلت الرسل إلى العباد، إلا ليعلموهم العمل بلا إله إلا الله.»
