ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب رَحِمَهُ اللَّهُ تەۋھىدنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن:
«ئىنسان تەۋھىدنى روياپقا چىقارمىسا ۋە شېرىكتىن ساقلانمىسا، بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ ئىبادەتكار كىشىسى بولغان تەقدىردىمۇ؛ كېچىلىرىنى ناماز بىلەن، كۈندۈزلىرىنى روزا بىلەن ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا كاپىردۇر. چۈنكى، ئاللاھ تەئالا (ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئىبادەتكار بولغان) پەيغەمبەرلەر ھەققىدە مۇنداق دېگەن: {وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُم مَّا كَانُوا يَعْمَلُونَ} «ئەگەر ئۇلار شېرىك كەلتۈرسە، قىلغان (سالىھ) ئەمەللىرى ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى.» [ئەنئام سۈرىسى 88 – ئايەت]
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشىنىڭ ئىبادىتى جۇنۇبلۇقتىن غۇسۇل قىلماستىن ناماز ئوقۇغان ياكى پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلەردە روزا تۇتقان تۇرۇقلۇق زىنا قىلغان كىشىنىڭ ئىبادىتىدىن پەرقسىزدۇر.
بۇنى چۈشەنگىنىڭدە، شۇنى كۆرۈپ يېتىسەنكى، ساڭا پەرز بولغان ئىش ھەرقانداق بىر ئىبادەتنى ـــ ھەتتا نامازنى ـــ ئۆگىنىشتىن ئاۋۋال تەۋھىدنى ئۆگىنىشتۇر؛ يەنە شۇنىڭدەك زىنا قاتارلىق ھارام ئىشلارنىڭ ھۆكمىنى بىلىشتىن ئىلگىرى شېرىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر.
ئاللاھنىڭ سېنى تەۋھىد ئۈچۈن (يەنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن) ياراتقانلىقىنى بىلگىنىڭدە، شۇنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە تەۋھىدنى ئائىلەڭدىكىلەرگە ۋە قول ئاستىڭدىكىلەرگە، جۈملىدىن ئايال – بالىلىرىڭغا، خىزمەتچىلىرىڭگە ئۆگىتىشنىڭمۇ ساڭا پەرز ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك.»
مەنبە: «الدرر السنية في الأجوبة النجدية» (1/ 159)
فإذا لم يفعله الإنسان، ويجتنب الشرك، فهو كافر، ولو كان من أعبد هذه الأمة يقوم الليل ويصوم النهار، قال الله تعالى في الأنبياء: {وَلَوْ أَشْرَكُوا لَحَبِطَ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ} [سورة الأنعام آية: 88] ، وتصير عبادته كلها كمن صلى ولم يغتسل من الجنابة، أو كمن يصوم في شدة الحر، وهو يزني في أيام الصوم.
إذا عرفت هذا فأهم ما عليك معرفة التوحيد، قبل معرفة العبادات كلها، حتى الصلاة، ومعرفة الشرك، قبل معرفة الزنى وغيره من المحرمات، إذا علمت أن الله لم يخلقك إلا لذلك؛ ومن الفرائض اللازمة: تعليمك إياه أهل بيتك، ومن تحت يدك، من امرأة، وبنت، وخادم.
