مۇجاھىد كىم؟

رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ مۇنداق دېگەن:

«الْمُجَاهِدُ مَنْ جَاهَدَ نَفْسَهُ فِي طَاعَةِ اللهِ»

«مۇجاھىد ـــ ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش خۇسۇسىدا ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلغان كىشىدۇر.» [ئىمام ئەھمەد (23958) توپلىغان، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ باھالىغان]

ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ «زاد المعاد» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:

«نەپىس بىلەن جىھاد قىلىش تاشقى دۈشمەن بىلەن جىھاد قىلىشتىن ئىلگىرى تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ جىھادنىڭ ئاساسىدۇر. چۈنكى، بىر ئادەمنىڭ ئالدى بىلەن (قۇرئان – سۈننەتتە) بۇيرۇلغانلارنى قىلىش، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يېنىش خۇسۇسىدا، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلماي تۇرۇپ، تاشقى دۈشمىنى بىلەن جىھاد قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. دەرۋەقە، ئىككى مۈرىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى (يەنى ئۆز ۋۇجۇدىدىكى) دۈشمىنى (يەنى ئۆز نەپسى) ئىنسانغا غالىب كېلىپ، ئۇنى بويسۇندۇرۇپ تۇرسا، ئۇ ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلماي تۇرۇپ، قانداقمۇ دۈشمىنى بىلەن جىھاد قىلالىسۇن ۋە ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالالىسۇن؟»

مەنبە: «زاد المعاد» ط عطاءات العلم (3/ 6):

«كَانَ جِهَادُ النَّفْسِ مُقَدَّمًا عَلَى جِهَادِ الْعَدُوِّ فِي الْخَارِجِ ، وَأَصْلًا لَهُ ، فَإِنَّهُ مَا لَمْ يُجَاهِدْ نَفْسَهُ أَوَّلًا ، لِتَفْعَلَ مَا أُمِرَتْ بِهِ ، وَتَتْرُكَ مَا نُهِيَتْ عَنْهُ ، وَيُحَارِبهَا فِي اللَّهِ : لَمْ يُمْكِنْهُ جِهَادُ عَدُوِّهِ فِي الْخَارِجِ ؛ فَكَيْفَ يُمْكِنُهُ جِهَادُ عَدُوِّهِ ، وَالِانْتِصَافُ مِنْهُ : وَعَدُوُّهُ الَّذِي بَيْنَ جَنْبَيْهِ قَاهِرٌ لَهُ ، مُتَسَلِّطٌ عَلَيْهِ ، لَمْ يُجَاهِدْهُ ، وَلَمْ يُحَارِبْهُ فِي اللَّهِ»