ھافىز ئىبنۇل قەييىم رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى ھىجرىيە 751 – يىلى) مۇنداق دېگەن:
ئىماننىڭ ھەقىقىتى سۆز ۋە ئەمەلدىن ئىبارەتتۇر.
سۆز مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
(1) قەلبنىڭ سۆزى – بۇ ئېتىقادتۇر.
(2) تىلنىڭ سۆزى – بۇ ئىسلام كەلىمىسىنى (يەنى شاھادەت كەلىمىسىنى) ئېيتىشتۇر.
ئەمەلمۇ مۇنداق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
(1) قەلبنىڭ ئەمەللىرى – بۇ نىيەت ۋە ئىخلاستۇر.
(2) (ناماز، روزا، ھەج قاتارلىق) بەدەن ئەزالىرىنىڭ ئەمەللىرى.
مەنبە: «الصلاة لابن القيم» (ص56)
حقيقة الإيمان مركَّبةٌ من قولٍ وعملٍ.
والقول قِسْمان: قول القلب، وهو الاعتقاد. وقول اللِّسان، وهو التكلُّم بكلمة الإسلام.
والعمل قِسْمان: عمل القلب، وهو نيَّتُه وإخلاصه. وعمل الجوارح.
پۈتكۈل ئەھلى سۈننەت ئىماملىرىنىڭ نەزىرىدە ئەمەل ئىماننىڭ بىر قىسمىدۇر، بۇ مۇھىم ئەقىدىۋى نۇقتىنى ئۆزىمىز ياخشى ئۆگىنىپ، بالىلىرىمىزغىمۇ ياخشى ئۆگىتەيلى.
بۇ نۇقتىدا خاتالاشساق، ئەمەل – ئىبادەت خۇشياقمايدىغان، گۇناھ – مەئسىيەتكە سەل قارايدىغان، كۆڭلىمىزدە بىلسەك بولدى دەيدىغان مۇرجىئىيلىققا مۇپتىلا بولىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ خىل ئەقىدىۋى ئاپەتلەردىن قوغدىغاي!
