پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇرراززاق ئەلبەدىر «گۈزەل ئەخلاقنىڭ تۆت ئاساسى» دېگەن رىسالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:
گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئىككىنچى ئاساسى ئۆزىگە ئالاقىسى يوق ئىشلارغا قەتئىي ئارىلاشماسلىق، بۇنداق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتۇر.
شۇ ۋەجىدىن، ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلارغا چېپىلىپ يۈرىدىغان ئادەم گۈزەل ئەخلاقلىق كىشىلەردىن بولالمايدۇ. چۈنكى، كىشىنىڭ ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىشى ئۇنى گۈزەل ئەخلاقتىن مەھرۇم قىلىدۇ ۋە گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، كىشى ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىشتىن قول ئۈزۈپ، ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلار بىلەن ھەپىلەشمىسە، مانا بۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن، ھەتتا ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ دەلىلى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ «مِنْ حُسْنِ إسْلامِ المَرْءِ تَرْكُهُ مَا لَا يَعْنِيهِ» «كىشىنىڭ ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشى ئۇنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر» دېگەن سۆزىدۇر.
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ «ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشى» دېگەن سۆزىدە مەقسەت قىلغىنى ھاۋايى ھەۋەسنى ئەمەس، شەرئىي كۆرسەتمىلەرنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا «ئۆزىگە ئالاقىسىز» ئىشلارنى تەرك ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ نۇرغۇن كىشىلەر غاپىل قالغان بىر نۇقتىدۇر. چۈنكى، بەزىلەر بۇ ھەدىسنى ناتوغرا تەدبىقلىۋالىدۇ. مەسىلەن، بىراۋ ياخشىلىققا بۇيرۇلۇپ، يامانلىقتىن توسۇلغاندا، ئۆزىنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىغا: «كىشىنىڭ ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشى ئۇنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر» دەيدۇ. بۇ مەزكۇر ھەدىسنى خاتا چۈشىنىۋالغانلىقتۇر. چۈنكى، شەرئىي ئۆلچەمگە بىنائەن، «ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش» مۇسۇلمانغا (ئالاقىسىز ئەمەس، بەلكى) زىچ ئالاقىدار ئىشتۇر. ھەربىر مۇسۇلمان الله نىڭ كىتابىدا ۋە رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ سۈننىتىدە ئەنە شۇنىڭغا (يەنى چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشقا) بۇيرۇلغان. شۇ ۋەجىدىن، مۇسۇلمانلارغا زىچ ئالاقىدار بولغان ئىشلاردىن بىرى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇشتۇر.
دېمەك، «كىشىنىڭ ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشى ئۇنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقىدىندۇر» دېگەن ھەدىسنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسقۇچىغا قارشى دەلىل سۈپىتىدە ئىشلىتىش ھەدىسنى مەقسەت قىلىنغاندىن باشقا جايغا ئىشلەتكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ «ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشى» دېگەن سۆزىدىكى «ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلار»نىڭ قانداق ئىشلار ئىكەنلىكى كىشىنىڭ نەپسى خاھىشىغا ئاساسەن ئەمەس، بەلكى شەرئىي ئۆلچەم بويىچە بەلگىلىنىدۇ. ئىمام ئىبنى رەجەب رَحِمَهُ اللَّهُ ئۆزىنىڭ «جامع العلوم والحكم» (ئىلىم – ھېكمەت جەمگاھى) دېگەن ئەسىرىدە، مەزكۇر ھەدىسنى شەرھلىگەندە بۇ نۇقتىدا تولىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.
تەرجىماندىن ئىلاۋە:
بۇنىڭدىن سىرت، ئىمام مالىك ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«إِذَا رَأَيْتَ قَسَاوَةً فِي قَلْبِكَ وَوَهَنًا فِي بَدَنِكَ وَحِرْمَانًا فِي رِزْقِكَ، فَاعْلَمْ أَنَّكَ تَكَلَّمْتَ فِيمَا لَا يَعْنِيكَ»
«ئەگەر سەن قەلبىڭدە قاساۋەت (قاتتىقلىق)، بەدىنىڭدە زەئىپلىك، رىزقىڭدا مەھرۇملۇق كۆرسەڭ، بىلگىنكى، سەن چوقۇم ئۆزۈڭگە ئالاقىسىز ئىشلار توغرىسىدا گەپ قىلغانسەن.» [«سەلەف سالىھلارنىڭ تەرجىمىھالى – إسماعيل الأصبهاني» (3/ 937)]
