شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە | بىدئەت يامانمۇ، ھاراقكەشلىكمۇ؟

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

ھەقىقەتەن، سۈننەت ۋە ئىجماغا بىنائەن، بىدئەتچىلەر نەپسىي ئىستەكلىرىگە ئەگىشىپ گۇناھ سادىر قىلغانلاردىن ناچاردۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ (ئەقىدىدە بىدئەت پەيدا قىلغان) خاۋارىجلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان – يۇ، (نەپسىي ئىستەكلىرىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك گۇناھلارنى سادىر قىلىش ئارقىلىق ھەم ئۆزىگە، ھەم باشقىلارغا زۇلۇم قىلغان، ئەمما دىندىن چىقىپ كەتمىگەن) زالىم ھۆكۈمدارلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن چەكلىگەن.
شۇنداقلا، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ھاراق ئىچكەن كىشى ھەققىدە «ئۇنى لەنەتلىمەڭلار، چۈنكى ئۇ ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرىدۇ» دېسە، (خاۋارىجلارنىڭ بوۋىسى بولغان) زۇ خۇۋەيسىرە توغرىسىدا «بۇنىڭ ئەۋلادىدىن شۇنداق بىر قەۋم كېلىدۇكى، ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما ئوقۇغان قۇرئانلىرى بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇلار خۇددى ئوق يادىن چىقىپ كەتكەندەك دىندىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇلار بۇتپەرەسلەرنى تاشلاپ، مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشىدۇ. ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ زامانىغىچە ياشاپ قالسام، ئۇلارنى خۇددى ئاد قەۋمى تەلتۆكۈس يوقىتىلغاندەك قىرىۋەتكەن بولاتتىم» دېگەن [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى (1144) رىۋايەت قىلغان].

إنَّ أَهْلَ الْبِدَعِ شَرٌّ مِنْ أَهْلِ ‌الْمَعَاصِي ‌الشَّهْوَانِيَّةِ بِالسُّنَّةِ وَالْإِجْمَاعِ فَإِنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ أَمَرَ بِقِتَالِ الْخَوَارِجِ وَنَهَى عَنْ قِتَالِ أَئِمَّةِ الظُّلْمِ {وَقَالَ فِي الَّذِي يَشْرَبُ الْخَمْرَ: لَا تَلْعَنْهُ فَإِنَّهُ يُحِبُّ اللَّهَ وَرَسُولَهُ}، وَقَالَ فِي ذِي الخويصرة: إنَّ من ضئضئ هذا قومًا يقرءُونَ القرآنُ لا يجاوزُ جناجرهُم، يمرقون من الإسلامِ مروقَ السَّهم من الرَّميَّةِ، يقتلونَ أهلَ الإسلامِ، ويدعُون أهلَ الأوثانِ، لئن أدركتُهُم لأقتلنَّهُم قتل عادٍ.

مەنبە: «مجموع الفتاوى» (20/ 103)