بىر ئايەت، بىر ھەدىستىن ئىمانىي ئەھۋالىمىزغا نەزەر

ئاللاھ  تەئالا مۇنداق دېگەن:

{قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ ‎(1)‏ الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ ‎(2)‏ وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ (3)}

«مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى (1) ئۇلار نامازلىرىنى خۇشۇ بىلەن ئوقۇغۇچىلاردۇر. (2) ئۇلار بىھۇدە سۆز ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر. (3)» [مۇئمىنۇن سۈرىسى]

«ئۇلار بىھۇدە سۆز ۋە بىھۇدە ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر» دېگەن مەزكۇر ئايەت «تەپسىر مۇيەسسەر»دە مۇنداق تەپسىرلەنگەن: 

«والذين هم تاركون لكل ما لا خير فيه من الأقوال والأفعال»

«ئۇلار ئىچىدە ياخشىلىق بولمىغان بارچە سۆز ۋە ئىشلارنى تەرك ئەتكۈچىلەردۇر» [«التفسير الميسر» (1/ 342)]

رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن:

«‌مِنْ ‌حُسْنِ ‌إِسْلامِ ‌الْمَرْءِ، ‌تَرْكُهُ ‌مَا ‌لَا ‌يَعْنِيهِ»

«كىشىنىڭ ئۆزىگە ئالاقىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىشى ئۇنىڭ ئىسلامىنىڭ (يەنى دىنىي ئەھۋالىنىڭ) ياخشىلىقىدىندۇر.» [مۇسنەد ئەھمەد 1737 – ھەدىس، ھەسەن]

ئۇنداقتا، ھەركۈنى فېيسبۇك، يۇۋتيۇب، ئىنىستاگرام، تىك – توك قاتارلىق تور سۇپىلىرىدا، بىر نەچچە ئەمەس، نەچچە ئون، ھەتتا يۈزلەپ بىھۇدە (ھەتتا ھارام) ئۇچۇرلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىمىز، ئۆزىمىز بىلەن زىنھار ئالاقىسى يوق ئۇچۇرلارنى ئىز قوغلاپ كۆرۈشىمىز، بىز ئىمان كەلتۈرگەن يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسكە توغرا كېلەمدۇ، يوق؟ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىمىز ھەققىدە سەمىمىيلىك بىلەن ئويلىنىپ، ۋاقتىمىزنى مەزكۇر ئايەت – ھەدىسكە ئۇيغۇن تەرزدە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى.

ئاخىرىدا، بۇ دىننى ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن سەلەف سالىھلارنىڭ «بىھۇدە سۆز ۋە بىھۇدە ئىشلارنى تەرك ئېتىش» توغرىسىدىكى ئۆرنەكلىرىدىن بىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. ئۆز ئەھۋالىمىزنى مۇشۇ ئۆرنەككە سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا، تۈزىتىشكە تېگىشلىك ئىشلىرىمىزنىڭ تولىمۇ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.

ئەبۇ ئۆمەر ئىبنى ھەيەۋەي خەۋەر بېرىدۇكى، ئەبۇ بەكىر ئەلۋەرراق مۇنداق دېگەن، يەھيا بىزگە خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن، ھۇسەين بىزگە مۇنداق دېگەن، بىزگە ئىبنى مۇبارەك خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېگەن، سۇفيان ئەئمەشتىن، ئۇ ئەبۇ زۇھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى:

تابىئىن ئىمام مەسرۇقتىن بىر شېئىرنىڭ مىسراسى ھەققىدە سورالغانىدى، ئۇ بۇنى ياقتۇرمىدى. ئۇنىڭدىن بۇنىڭ سەۋەبى سورالغانىدى. ئۇ: «مەن ئەمەل دەپتىرىمدە شېئىر تېپىلىشىنى خالىمايمەن» دېدى [ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكنىڭ زۇھد كىتابى 374 – نومۇر]

ئەگەر ھازىرقى ھالىتىمىزدە كېتىۋەرسەك، بىزنىڭ ئەمەل دەپتىرىمىزدە نېمە – نېمىلەر تېپىلار؟