گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى

 شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولۇشى كېرەككى، ھارام ئىشلارنى شۇ ھامان تەرك ئېتىش پەرز. گۇناھ ئۈستىگە ئىشلەنگەن گۇناھ قەلبنى قارىدىتىۋېتىدۇ.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن:

«إِنَّ الْعَبْدَ إِذَا أَخْطَأَ خَطِيئَةً نُكِتَتْ فِي قَلْبِهِ نُكْتَةٌ سَوْدَاءُ ، فَإِذَا هُوَ نَزَعَ وَاسْتَغْفَرَ وَتَابَ سُقِلَ قَلْبُهُ ، وَإِنْ عَادَ زِيدَ فِيهَا حَتَّى تَعْلُوَ قَلْبَهُ ، وَهُوَ الرَّانُ الَّذِي ذَكَرَ اللَّهُ ( كَلا بَلْ رَانَ عَلَى قُلُوبِهِمْ مَا كَانُوا يَكْسِبُونَ)»

«بەندە بىر گۇناھ ئىشلىگەندە، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر قارا چېكىت پەيدا بولىدۇ. ئۇ گۇناھىغا تەۋبە قىلسا ۋە شۇ گۇناھنى قايتا قىلمىسا ھەمدە گۇناھى ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىسە، قەلبى (قايتىدىن) پارقىرايدۇ. لېكىن، گۇناھنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسە (قەلبتە پەيدا بولغان قارا چېكىتمۇ) يوغىناۋېرىدۇ. ئەنە شۇ ئاللاھ (ئۆز كىتابىدا) بايان قىلغان {ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن ــ سۈرە مۇتەففىفىن 14 – ئايەت} (دېگەن ئايەتتىكى) «الرَّانُ» (داغ، قارا چېكىت)تۇر».

بۇ ھەدىسنى ئىمام تىرمىزى (3334) ۋە ئىمام ئىبنى ماجە (4244) رىۋايەت قىلغان، شەيخ ئەلبانى «سەھىھۇت تىرمىزى»دا ھەسەن دەپ باھالىغان.

بۇ ھەقتە، ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:
«وبالجملة فإن جميع الشرور والعقوبات التي يتعرض لها العباد في الدنيا والآخرة أسبابها الذنوب والمعاصي»
«يىغىپ ئېيتقاندا، بەندىلەر دۇنيا – ئاخىرەتتە دۇچ كېلىدىغان يامانلىق ۋە جازالارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبى گۇناھ – مەئسىيەتلەردۇر.»
مەنبە: ئىمام بىن بازنىڭ «پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى» 9 – توم 160 – بەت.

ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

«فإن الطاعة تجلب للعبد بركات كل شيء والمعصية متحق منه كل بركة»

«(سۈننەتكە ئۇيغۇن، بىدئەتتىن خالىي، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان) تائەت – ئىبادەت بەندە ئۈچۈن جىمى نەرسىنىڭ بەرىكىتىنى ئەكېلىدۇ. گۇناھ – مەئسىيەتلەر بولسا ئۇنى بارچە بەرىكەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ.»

مەنبە: «ئىككى ھىجرەت يولى» 274 – بەت.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.