مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر

{مۆمىنلەر ھەقىقەتەن قېرىنداشلاردۇر} [سۈرە ھۇجۇرات 10 – ئايەت]
يەنى ھەممە مۆمىنلەر دىندا قېرىنداشتۇر.

بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇلار بىر – بىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ، بىر – بىرىنى ھالاكەتكە ئىتتىرمەيدۇ».

 ئىمام مۇسلىم پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «بىرەر بەندە قېرىندىشغا ياردەمچى بولسا، ﷲ تائالا ئۇ بەندىگە ياردەمچى بولىدۇ».
ئىمام مۇسلىم يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئەگەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغا ئۇ يوق يەردە دۇئا قىلسا، پەرىشتە: ئامىين (يەنى ئى ﷲ! ئىجابەت قىلغىن)! ساڭىمۇ ئوخشىشى بولسۇن! دەيدۇ».
ئىمام مۇسلىم يەنە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مۆمىنلەر ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا مېھرى – شەپقەت يەتكۈزۈش ۋە ئۆزئارا سىلە – رەھىم قىلىشتا بىر تەنگە ئوخشايدۇ. ئەگەر تەننىڭ بىرەر ئەزاسىغا ئاغرىق يەتسە، تەننىڭ قالغان قىسمى قىزىتما ۋە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن بىئارام بولىدۇ».
ئىمام بۇخارى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مۆمىننىڭ مۆمىنگە ياردەمدە بولۇشى بىر – بىرىنى ئۆزئارا چىڭىتىپ تۇرىدىغان بىناغا ئوخشايدۇ» پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ مىسالنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بارماقلىرىنى بىر – بىرىگە كىرىشتۈرۈپ كۆرسەتكەن.

ئۇيغۇرچە «ئىبنى كەسىر تەپسىرى» سۈرە ھۇجۇرات 10 – ئايەتنىڭ تەپسىرىدىن ئېلىندى.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.