دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 3297 – نومۇرلۇق پەتىۋا، مەزكۇر تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
سوئال: مەن قەبرىدىن ياكى مېيىتتىن يېقىنلىق تىلەپ ئاللاھنىڭ غەيرىگە دۇئا قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلىمەن. لېكىن بىراۋ: «ھايات بولغان، سالىھ – ياخشى كىشىدىن دۇئا تەلەپ قىلىمىز، شۇ كىشى ۋاپات بولۇپ كەتكەندە يەنە ئۇنىڭدىن دۇئا تەلەپ قىلساق نېمە ئۈچۈن توغرا بولمايدىكەن؟» دەيدۇ. بۇ كىشىگە قانداق رەددىيە بېرىمەن؟ توغرا بولغان ۋەسىلە قايسىلار؟ يوللۇق بولمىغان ۋەسىلىلەرچۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمەن.
جاۋابنىڭ تېكىستى:
بارلىق گۈزەل مەدھىيەلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. «ۋەسىلە» سۆزىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى: يېقىنلىشىش دېگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:
{يَبْتَغُونَ إِلَىٰ رَبِّهِمُ الْوَسِيلَةَ}
«ئۇلار (ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھ دەپ) ئىبادەت قىلىدىغانلار (ئۆزلىرى ئىبادەت ئارقىلىق) رەببىگە يېقىن بولۇشنى تىلەيدۇ». [سۈرە ئىسرا 57-ئايەت].(يەنى ۋەسىلە ئۇلارنى ئاللاھ تەرىپىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئامىلدۇر).
ۋەسىلە ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى يوللۇق ۋەسىلە، يەنە بىرى چەكلىنىدىغان ۋەسىلىدىن ئىبارەتتۇر.
يوللۇق ۋەسىلە دېگىنىمىز: پەرز ياكى مۇستەھەب بولغان ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى لازىم تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىش دېمەكتۇر. ئۇ ئەمەللەر ئاغزاكى بولسۇن، ياكى ئەمەلىي بولسۇن، ۋەياكى ئېتىقادىي بولسۇن ئوخشاشتۇر.
بۇ ئەمەللەر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە ئېسىل سۈپەتلىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلِلَّـهِ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ فَادْعُوهُ بِهَا ۖ وَذَرُوا الَّذِينَ يُلْحِدُونَ فِي أَسْمَائِهِ ۚ سَيُجْزَوْنَ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ}
«ئەڭ گۈزەل ئىسىملار ﷲ قا خاستۇر، ﷲ نى شۇلار (يەنى ئاشۇ گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار، ﷲ نىڭ ئىسىملىرىنى كەلسە – كەلمەس قوللىنىدىغانلارنى تەرك ئېتىڭلار، ئۇلار قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ». [سۈرە ئەئراف 180-ئايەت].
بەندە ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل ئىسىم، ئېسىل سۈپەتلىرىدىن ئۆزىنىڭ تەلىپىگە مۇناسىپ بولغانلىرىنى تاللاپ، دۇئانى باشلىشى كېرەك. ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تەلەپ قىلماقچى بولسا «الرحمن» (ئەڭ مېھرىبان)، مەغفىرەت تەلەپ قىلماقچى بولسا «الغفور» (ئەڭ مەغفىرەت قىلغۇچى) دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى تاللاپ ۋەسىلە قىلىپ دۇئا قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى: ئاللاھ تائالاغا ئىمان، تەۋھىد ئارقىلىق يېقىنلىشىش. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{رَبَّنَا آمَنَّا بِمَا أَنزَلْتَ وَاتَّبَعْنَا الرَّسُولَ فَاكْتُبْنَا مَعَ الشَّاهِدِينَ}
«رەببىمىز! سەن نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتتۇق، پەيغەمبەرگە ئەگەشتۇق، بىزنى (ھىدايىتىڭگە) شاھىت بولغانلار قاتارىدا يازغىن» [سۈرە ئال ئىمران 53-ئايەت].
ئۈچىنچى: قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ۋەسىلە قىلىش. بەندە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئەڭ ئۈمىدلىك ۋە پاكىزە بولغان، ناماز، روزا، قۇرئان تىلاۋىتى، سەدىقە ئېھسان، ئاللاھتىن قورقۇپ ھارام ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتىش دېگەندەك ئەمەللىرىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق، ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنىڭ تەلەپ-مەقسىتىنى سورايدۇ.
بۇ ھەقتە بۇخارى ۋە مۇسلىمدا غارغا قامىلىپ قالغان ئۈچ كىشىنىڭ ۋەقەلىكى بايان قىلىنغان. ئۈچ كىشى يامغۇردا قېلىپ غارغا كىرگەن، شۇ ۋاقىتتا يوغان بىر تاش تاغدىن دومىلاپ چۈشۈپ غارنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالغان، ئۇلار ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئۈمىدلىك ياخشى ئەمەللىرىنى ۋەسىلە قىلىپ رەببىگە يالۋۇرغان، ئاخىرىدا تاش پەسكە سىيرىلىپ غارنىڭ ئاغزى ئېچىلغان.
شۇنىڭدەك، ئىنسان يەنە ئۆزىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا پېقىر ۋە بىچارىلىكنى ۋەسىلە قىلىپ ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئەييۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا قىلغان ئىلتىجاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
{أَنِّي مَسَّنِيَ الضُّرُّ وَأَنتَ أَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ}
«ھەقىقەتەن مېنى قاتتىق كېسەل ئورىۋالدى، سەن ئەڭ مەرھەمەتلىكسەن» [سۈرە ئەنبىيا 83-ئايەت].
يەنە شۇنداقلا، خۇددى يۇنۇس ئەلەيھىسسالام بېلىقنىڭ قارنىدا ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلغاندەك، ئىنسان ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلىقى ياكى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ھاجىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ۋەسىلە قىلىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلتىجاسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
{فَنَادَىٰ فِي الظُّلُمَاتِ أَن لَّا إِلَـٰهَ إِلَّا أَنتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنتُ مِنَ الظَّالِمِينَ}
«ئۇ قاراڭغۇلۇقتا (يەنى بېلىقنى قارنىدا): <رەببىم! سەندىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، سەن بارچە ئەيىب – نۇقسانلاردىن پاكتۇرسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆز نەپسىمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم> دەپ نىدا قىلدى». [سۈرە يۈنۈس 87-ئايەت].
بۇ شەكىلدە ۋەسىلە قىلىش يوللۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ھەر بىر تۈرىنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئاللاھ تائالانىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى ۋە يەككە – يېگانىلىقى بىلەن ۋەسىلە قىلىش ۋاجىب دەپ قارالسا، ئۇنىڭدىن باشقا ياخشى ئەمەللەر بىلەن ۋەسىلە قىلىش مۇستەھەب دەپ قارىلىدۇ.
دىنىمىزدا چەكلەنگەن بىدئەت ۋەسىلىلەر:
بۇ ئاللاھ تائالاغا ئۇ ياقتۇرمايدىغان ياكى ياخشى كۆرمەيدىغان سۆز-ھەرىكەت، ئېتىقادلار بىلەن يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
مىسالغا ئالساق: ئۆلۈكلەرنى ۋەسىلە قىلىپ تۇرۇپ ئاللاھتىن ھاجىتىنى تىلەش، يوق كىشىلەردىن مەدەت سوراش ۋە ھاجىتىنى تىلەش ئارقىلىق ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى ئۈمىد قىلىش مۇشۇ تۈردىندۇر. بۇ قىلمىشلار چوڭ شېرىك تۈرىگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇلارنى سادىر بولغان كىشى مۇۋەھھىد (يەنى ئاللاھنى بىر بىلگۈچى) سانالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ قىلمىشى ئۇنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان ھەرقانداق دۇئا، مەيلى ئۇ زىياننى دەپئى قىلىشقا ئوخشاش بىر نەرسە سوراش دۇئالىرى بولسۇن ياكى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ناھايىتى خار-بىچارە تۇتۇپ قىلىدىغان ئىبادەت دۇئالىرى بولسۇن، ئۇنىڭ ھېچ بىرىنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش توغرا ئەمەس. دۇئانى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلىش دۇئادىكى شېرىك ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ ۚ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ}
«رەببىڭلار ئېيتىدۇ: ماڭا دۇئا قىلىڭلار، مەن (دۇئايىڭلارنى) قوبۇل قىلىمەن (تىلىگىنىڭلارنى بېرىمەن)، شۈبھىسىزكى، مېنىڭ ئىبادىتىمدىن چوڭچىلىق قىلىپ باش تارتىدىغانلار خار ھالدا جەھەننەمگە كىرىدۇ» [سۈرە غافىر 60-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە ئۆزىگە دۇئا قىلىش ۋە ئىبادەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلغانلارنىڭ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ غەيرىگە دۇئا قىلىدۇ ياكى ئاللاھنىڭ غەيرىگە دۇئا قىلمىسىمۇ چوڭچىلىق ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىنى سوراشنى تەرك قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى ئۆزىگىلا دۇئا قىلىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
{ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً}
«رەببىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار» [سۈرە ئەئراف 55-ئايەت].
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا دۇئا ۋە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرىدى. ئاللاھ تائالا دوزاخ ئەھلى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
{تَاللَّـهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ . إِذْ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ الْعَالَمِينَ}
«ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: <ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ رەببى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق» [سۈرە شۇئەرا 97-98-ئايەتلەر].
تائەت-ئىبادەتتە ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلىشنى تەقەززا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شېرىكتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّن يَدْعُو مِن دُونِ اللَّـهِ مَن لَّا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَىٰ يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَن دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ . وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ}
«ئاللاھنى قويۇپ قىيامەتكىچە دۇئانى ئىجابەت قىلىشقا قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدىغان ئادەمدىنمۇ گۇمراھ ئادەم بارمۇ؟ ئۇلار (يەنى بۇ باتىل مەبۇدلار) ئۇلارنىڭ دۇئاسىدىن غاپىلدۇر (قىيامەت كۈنى) ئىنسانلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توپلانغان چاغدا، باتىل مەبۇدلار ئۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ» [سۈرە ئەھقاف 5-6-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَن يَدْعُ مَعَ اللَّـهِ إِلَـٰهًا آخَرَ لَا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِندَ رَبِّهِ ۚ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ}
«كىمكى ھېچقانداق دەلىلى بولمىغان ھالدا ئاللاھقا قوشۇپ يەنە بىر مەبۇدقا ئىبادەت قىلىدىكەن، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ، كاپىرلار ھەقىقەتەن نىجات تاپمايدۇ» [سۈرە مۆمىنۇن 117-ئايەت].
يۇقىرىقى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ غەيرىگە دۇئا ۋە ئىبادەت قىلغان كىشىنى، ئاللاھتىن باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلغانغا ئوخشاش قىلدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَالَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِهِ مَا يَمْلِكُونَ مِن قِطْمِيرٍ . إِن تَدْعُوهُمْ لَا يَسْمَعُوا دُعَاءَكُمْ وَلَوْ سَمِعُوا مَا اسْتَجَابُوا لَكُمْ ۖ وَيَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُونَ بِشِرْكِكُمْ ۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثْلُ خَبِيرٍ}
«ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچكىم) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھدەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ» [سۈرە فاتىر 13-14-ئايەت].
بۇ ئايەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىبادەتكە ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى، كائىناتتا بىردىن بىر ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ۋە ئىشلارنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇلغان مەبۇدلار دۇئا قىلغۇچىنىڭ ھاجەتلىرىنى ئىجابەت قىلىش ئەمەس، بەلكى قىلغان دۇئا-تىلەكلىرىنى ئاڭلاشقىمۇ قادىر ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنى ئاڭلايدۇ دەپ پەرەز قىلغان تەقدىردىمۇ ھەرگىز تىلەكلەرنى ئىجابەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ مەبۇدلار ھېچ نەرسىگە پايدا-زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ۋە پايدا-زىيان جۈملىسىدىن ھېچ نەرسىگە ئىگىمۇ ئەمەس ۋە بولالمايدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نىڭ ئەرەب مۇشرىكلىرىغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ دەل دۇئا بولۇپ، ئۇلار قاتتىق مۇشەققەت، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە دىننى خالىس قىلىپ، پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا سېغىنىپ دۇئا قىلاتتى. نېمەتكە ئېرىشىپ، كەڭچىلىككە چىققاندا ئاللاھ تائالاغا تۇزكورلۇق قىلاتتى، يەنى ئاللاھ تائالاغا قوشۇپ، باشقا مەبۇدلارغىمۇ دۇئا قىلاتتى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ فَلَمَّا نَجَّاهُمْ إِلَى الْبَرِّ إِذَا هُمْ يُشْرِكُونَ}
«ئۇلار كېمىگە چىققان (ۋە غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھقا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئامان-ئېسەن قۇرۇقلۇققا چىقارغان چاغدا (بالا-قازادىن قۇتۇلدۇرغان ئاللاھنى ئۇنتۇپ)، ناگاھان (ئاللاھقا) شېرىك كەلتۈرىدۇ» [سۈرە ئەنكەبۇت 65-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
{وَإِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فِي الْبَحْرِ ضَلَّ مَن تَدْعُونَ إِلَّا إِيَّاهُ ۖ فَلَمَّا نَجَّاكُمْ إِلَى الْبَرِّ أَعْرَضْتُمْ ۚ وَكَانَ الْإِنسَانُ كَفُورًا}
«سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، ئاللاھ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان ـ ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)» [سۈرە ئىسرا 67-ئايەت].
ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:
{هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِحَتَّىٰ إِذَا كُنتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِم بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنجَيْتَنَا مِنْ هَـٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ}
«ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا (يەنى ئۇلاغلار ئۈستىدە)، دېڭىزدا (يەنى كېمىلەر ئۈستىدە) سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان باتىل مەبۇدلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) ئى ئاللاھ! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ» [سۈرە يۈنۈس 22-ئايەت].
بۈگۈنكى كۈندە بەزى كىشىلەرنىڭ ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشى ئىلگىركىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرىشىدىن زىيادە بولۇپ كەتتى. چۈنكى ئۇلار دۇئا، مەدەت سوراش قاتارلىق تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى، قاتتىق قىيىنچىلىق ۋاقىتلاردىمۇ ئاللاھتىن باشقىغا قىلىدۇ ۋە قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى شېرىكنىڭ پىتنىسىدىن ئامان-ئېسەن قىلسۇن.
سۆزنىڭ خۇلاسىسى: سىز ھېلىقى كىشىگە رەددىيە بېرىشتە «مېيىتتىن بىر نەرسە سوراش شېرىكتۇر، ھايات كىشىدىنمۇ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچكىشى بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ شېرىكتۇر» دېسىڭىزلا كۇپايە.
ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
تەرجىمە قىلغۇچى: سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
