رامزان كۈنلىرىنى تۈرلۈك مۇسابىقە، كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ ھۆكمى

سوئال: بەزى روزىدارلار رامزان كۈنلىرىنى كۆپ قىسىملىق تىلېۋىزىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش، قەرت، شاھمات ئويناش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمەن.

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام – سوئال جاۋابلىرى تورى»دىكى 13956 – نومۇرلۇق پەتىۋا. مەزكۇر تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.

جاۋاب:

بارچە ھەمدۇ – سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر.

روزىدار ياكى باشقا مۇسۇلمانلار بولسۇن ھەممە ۋاقىت ئاللاھ تائالاغا ھەقىقىي تەقۋادارلىق قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ ئازابىدىن ئېھتىيات قىلىشى؛ بولۇپمۇ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ناچار ئىشلار ئاشكارا كۆرسىتىلىدىغان فىلىملەرنى، يالىڭاچ ۋە يېرىم يالىڭاچ سۈرەتلەرنى، ناچار تېمىلاردا يېزىلغان ماقالىلارنى كۆرمەسلىكى؛ شۇنداقلا كىشىلەرنى ئازغۇنلۇققا چاقىرىدىغان ناخشا-مۇزىكىلارنى تىڭشىماسلىقى كېرەك.

مۇسۇلمان روزىدار بولسۇن ياكى روزا تۇتمىغان ۋاقىتلىرىدا بولسۇن قەرت، دامكا، شاھمات، ناخشا-مۇزىكا، چالغۇ ئەسۋابلىرى قاتارلىق ھارام قىلىنغان ئويۇن ۋاسىتىلىرىدىن ھەزەر قىلىشى، كۆرۈش ۋە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىشى لازىم. چۈنكى، بۇنداق ئىشلار قەلبنىڭ قاساۋەتلىشىشىگە، كېسەل بولۇشىغا، ئاللاھ تائالانىڭ شەرىئىتىنى كۆزگە ئىلماسلىقىغا، ئاللاھ تائالا جامائەت بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇغان نامازلارغا سەل قاراشقا ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى ئادا قىلماسلىققا، چەكلەنگەن-ھارام ئىشلاردىن ساقلانماسلىق قاتارلىقلار ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ.

بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَمِنَ النَّاسِ مَن يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لِيُضِلَّ عَن سَبِيلِ اللَّـهِ بِغَيْرِ عِلْمٍ وَيَتَّخِذَهَا هُزُوًا ۚ أُولَـٰئِكَ لَهُمْ عَذَابٌ مُّهِينٌ . وَإِذَا تُتْلَىٰ عَلَيْهِ آيَاتُنَا وَلَّىٰ مُسْتَكْبِرًا كَأَن لَّمْ يَسْمَعْهَا كَأَنَّ فِي أُذُنَيْهِ وَقْرًا ۖ فَبَشِّرْهُ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ﴾

«بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنى مەسخىرە قىلىدۇ، ئەنە شۇلار خور قىلغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز (يەنى قۇرئان ئايەتلىرى) ئوقۇپ بېرىلسە، گويا ئۇنى ئاڭلىمىغاندەك، ئىككى قۇلىقى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن يۈز ئۆرۈيدۇ، (ئى مۇھەممەد!) ئۇنىڭغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن» [سۈرە لوقمان 6~7-ئايەتلەر].

ئاللاھ تائالا سۈرە فۇرقاندا سالىھ بەندىلىرىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَالَّذِينَ لَا يَشْهَدُونَ الزُّورَ وَإِذَا مَرُّوا بِاللَّغْوِ مَرُّوا كِرَامًا﴾

«ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) باتىلغا شاھىت بولمايدۇ (يەنى باتىل گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ ۋە باتىل ئىشلار قىلىنىۋاتقان سورۇنلاردىمۇ تۇرمايدۇ)، بىھۇدە سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ» [سۈرە فۇرقان 72-ئايەت].

يۇقىرىقى ئايەتتىكى «الزُّورَ» «باتىل» دېگەن سۆز چەكلەنگەن-مۇنكەر ئىشلارنىڭ ھەممە تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى گۇناھ-مەسىيەت ئورۇنلىرىغا ھازىر بولمايدۇ دېگەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:

«لَيَكُونَنَّ ‌مِنْ ‌أُمَّتِي ‌أَقْوَامٌ ‌يَسْتَحِلُّونَ ‌الْحِرَ ‌وَالْحَرِيرَ ‌وَالْخَمْرَ ‌وَالْمَعَازِفَ»

«ئۈممىتىمدىن چوقۇم زىنانى، يىپەكنى، ھاراقنى ۋە چالغۇلارنى ھالال سانايدىغان كىشىلەر چىقىدۇ» [سەھىھۇل بۇخارى 5590 – ھەدىس].

ئەللامە شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مەزكۇر ھەدىس توغرىسىدا شۇنداق دېگەن: «ھالال ساناش»تىن مەقسەت شۇكى، ئۇلار بۇ ئىشلارنى يامان كۆرمەستىن قىلىۋېرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ [«رامزان مەجلىسلىرى» 10 – مەجلىس].

ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنى ھارامغا باشلايدىغان بارلىق ۋاستىلارنى ھارام قىلغان. ئەلۋەتتە، چەكلەنگەن فىلىملەرنى كۆرۈش، تېلېۋىزور ئېكرانىدىن ناچار، يىرىم-يالىڭاچ ئاياللارنى كۆرۈشمۇ ھەم ئۆزى ھارام قىلىنغان، ھەم تېخىمۇ چوڭ ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان ۋاستىلەردىن بولۇپ، بۇنىڭدىن قەتئىي ھەزەر قىلىش كېرەك. بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئادەتلەنگەن كىشى ھارام ئىشلار سادىر قىلىنسىمۇ ئۇنى ئىنكار قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇ ئىشلاردىن ساقلىسۇن.

ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.