كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ساقالنى كامىل قويمىغۇچى ئېغىر گۇناھكاردۇر

سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات – دائىمىي پەتىۋا ئورگىنىنىڭ 6290 – نومۇرلۇق پەتىۋاسىدىكى 2 – سوئال، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

سوئال: سەييىد قۇتۇپ ۋە «فىقھۇل سىيرەت»نىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد غەززالىغا ئوخشاش ئىسلامغا ھەسسە قوشقان بەزى كىشىلەر ساقىلىنى كەسكەن (قىرغان). ئەجابا، سىلەرچە بۇ كىشىلەر رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ نىڭ ساقالنى كامىل قويۇپ، بۇرۇتنى قىرقىشقا بۇيرۇغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ياكى ئۇلار مۇشۇنداق گۇناھ ئۆتكۈزسە بولامدۇ؟

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر. دۇرۇت – سالاملار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ گە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي.

پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ‌ نىڭ «ئادەم بالىسىنىڭ ھەممىسى خاتالاشقۇچى، خاتالاشقۇچىنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچى» دېگىنىدەك، ئىنسان، جۈملىدىن ئالىملارمۇ ئازىدۇ. ئۇلار خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس. سىز ئىسمىنى تىلغا ئالغانلار ساقالنى كامىل قويۇشنىڭ پەرزلىكى، ساقال(نى تۇتامدىن تۆۋەن) كېسىشنىڭ ھاراملىقى، بۇرۇتنى قىرقىش لازىملىقى ھەققىدىكى ھەدىسنى بىلەتتى. ھالبۇكى، ئۇلار مەيلى بۇ ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەئۋىل قىلغانلىق سەۋەبلىك نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ كەتكەن بولسۇن، ياكى باشقا سەۋەبلەردىن بولسۇن، بۇ ھەدىسلەرگە قارشى يول تۇتقان. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ساقىلىنى كەسكەنلىكى سەۋەبلىك گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئىلىم يېيىش ۋە ھەقكە ياردەم قىلىش جەھەتتىكى ئەمەللىرى سەۋەبلىك ياخشىلىق قىلغۇچى ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇلار ياخشىلىققا گۇناھنى ئارىلاشتۇرۇپ قىلغۇچىلاردىن سانىلىدۇ. ئاللاھتىن ئۇلارنى مەغفىرەت قىلىشىنى تىلەيمىز.

تەۋپىق ئاللاھتىن. دۇرۇد – سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە بولغاي.

پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز

ئابدۇرازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبن قائۇد؛ ئابدۇللاھ ئىبن غۇدەييان.