*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
207. ئىبنى ئۆمەر، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى قىرقىپ، ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل قويۇڭلار» [ئىمام مۇسلىم، ئىمام نەسەئى، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئىبنى ئەدلى توپلىغان. سەھىھ].
1067. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. ئاق چاچ – ساقاللارنى بويىساڭلار بولىدۇ، لېكىن يەھۇدىي، ناسارالارغا قەتئىي ئوخشىۋالماڭلار». ئىمام ئەھمەد توپلىغان، سەھىھ.
2520. ئىبنى ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «بۇرۇتنى قىرقىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى بولسا كامىل قويۇڭلار» [ئىمام ئەھمەد(5716)، ئىمام بۇخارى (5443)، ئىمام مۇسلىم (381)، ئىمام تىرمىزى (2688)، ئىمام نەسەئى (12)، ئىمام ئەبۇ داۋۇد (3667) قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان].
3092. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «مەجۇسىيلارغا قارشى يول تۇتۇپ، بۇرۇتلارنى ئېلىپ تۇرۇڭلار، ساقالنى كامىل قويۇڭلار». ئىمام مۇسلىم توپلىغان.
3125. ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «ئۈممىتىمدىن (ساقاللىرىغا، پۇت – قوللىرىنىڭ بارماقلىرىغا) سۇ يەتكۈزگۈچىلەر (خىلال قىلغۇچىلار) نېمىدېگەن ياخشى ھە!» ئىبن ئەساكىر توپلىغان، سەھىھ.
3209. ئىبن ئۇمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «مۇشرىكلارغا قارشى يول تۇتۇپ، بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى تولۇق، كامىل قويۇڭلار» بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.
ئەللامە شەيخ ئىبن ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ «فەتەۋا ئەركانۇل ئىسلام» دېگەن ئەسىرىدىكى 116 – سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ساقال ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «ساقال قويۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، شەكسىزكى ساقالنى (سۈننەتتە بۇيرۇلغاندەك) ئۆستۈرۈش ئىبادەتتۇر، چۈنكى پەيغەمبەر ﷺ بۇنىڭغا (ساقالنى كامىل قويۇشقا) بۇيرۇغان. پەيغەمبەر ﷺ بۇيرۇغان ھەربىر ئىش كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتتۇر».
يۇقىرىقىغا ئوخشاش، رەسۇلۇللاھنىڭ ساقال توغرىسىدىكى تەكرار – تەكرار كۆرسەتمىلىرى تۇرغان يەردە، «ساقال مەسىلىسى ئۇششاق – چۈششەك مەسىلە» دېگۈچى «رەسۇلۇللاھ ئۇششاق – چۈششەك ئىشلارنى تەكىتلىگەن»، «رەسۇلۇللاھ ئۇششاق گەپ قىلغان» دېگۈچى بولۇپ، بۇنداق قەبىھ سۆزلەردىن ئاللاھقا سېغىنىمىز. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقنى بىلگەن ھامان ئەمەل قىلىدىغان ياخشى بەندىلىرىدىن قىلغاي!
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
