شەيتاننىڭ سۆيۈملۈك لەشكىرى

ئىمام مۇسلىم جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئىبلىس تەختىنى سۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئولتۇرۇپ، ئاندىن كىشىلەر ئارىسىغا لەشكەرلىرىنى تارقىتىدۇ. لەشكەرلەرنىڭ ئىچىدىن قايسىسى ئەڭ چوڭ بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولسا، ئۇ شەيتانغا ئەڭ يېقىن ھېسابلىنىدۇ. (ئۇ لەشكەرلەردىن) بىرى كېلىپ ئىبلىسقا: مەن پالانچى مۇنداق – مۇنداق دېمىگۈچە (يەنى ئېغىر گۇناھ سۆزلەرنى قىلمىغۇچە) ئۇنى قويۇۋەتمىدىم دېسە، ئىبلىس ( ئۇنىڭ قىلغان ئىشىنى كىچىك ساناپ)، ياق، الله  بىلەن قەسەمكى، سەن ھېچقانچە ئىش قىلالماپسەن،- دەيدۇ. لەشكەرلەرنىڭ ئىچىدىن بىرى كېلىپ (ئۇنىڭغا): مەن پالانى بىلەن ئايالىنى بىر – بىرىدىن ئايرىۋەتمىگۈچە قويۇۋەتمىدىم،- دەيدۇشۇنىڭ بىلەن (ئىبلىس) ئۇنى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن قىلىپ: سەن كارامەت ياراملىق بىرىسەن، دەيدۇ».

مەنبە: «ئىبنى كەسىر تەپسىرى» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.