دۇنيا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 36832 – نومۇرلۇق سوئال، مەزكۇر تور بەتنىڭ ئۇيغۇرچە سەھىپىسىدىن ئېلىندى.
قەدىر كېچىسىنى قانداق ئۆتكۈزىمىز؟ ناماز ئوقۇيمىزمۇ ياكى قۇرئان تىلاۋەت قىلىمىزمۇ؟ ۋەياكى سىيرەت-تارىخ ئاڭلىتىمىزمۇ ياكى تەبلىغ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايمىزمۇ ۋە ياكى مەسجىدتە مۇراسىم ئۆتكۈزىمىزمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاۋاب:
بارلىق ھەمدۇ – سانالار ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدكە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت – سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ناماز، قىرائەت ۋە دۇئادا باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن بەك تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى.
بۇ ھەقتە، ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن:
«إِذَا دَخَلَ الْعَشْرُ، أَحْيَا اللَّيْلَ، وَأَيْقَظَ أَهْلَهُ، وَجَدَّ وَشَدَّ الْمِئْزَرَ»
«پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى ۋە بەك تىرىشچانلىق قىلاتتى».
ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىستە شۇنداق دېيىلگەن:
«كَانَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يَجْتَهِدُ فِي الْعَشْرِ الأَوَاخِرِ مَالا يَجْتَهِدُ فِي غَيْرِهَا»
«پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتلاردا قىلمىغان دەرىجىدە بەكرەك تىرىشچانلىق قىلاتتى».
ئىككىنچى: پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا قەدىر كېچىسىدە ناماز ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن.
بۇ ھەقتە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«مَنْ قَامَ لَيْلَةَ الْقَدْرِ إِيمَانًا وَاحْتِسَابًا، غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ»
«كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا، قەدىر كېچىسىدە قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ» [ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان].
بۇ ھەدىس قەدىر كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈچىنچى: قەدىر كېچىسىدە ئوقۇلىدىغان دۇئالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆگەتكەن دۇئادۇر.
ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا تەلىم بەرسىلە، مەن قەدىر كېچىسىنى تاپسام قايسى دۇئانى ئوقۇيمەن؟ دېۋىدىم، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «اللَّهُمَّ إِنَّكَ عَفُوٌّ تُحِبُّ الْعَفْوَ فَاعْفُ عَنِّي»، <ئى ئاللاھ! سەن ئەپۇ قىلغۇچىدۇرسەن، ئەپۇنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى ئەپۇ قىلغىن> دەڭ، دېدى.
تۆتىنچى: رامزاندىن بىر كېچىنى باشقا كېچىلەردىن ئايرىپ قەدىر كېچىسى دەپ بېكىتىش دەلىلگە ئىھتىياجلىقتۇر. ئەمما، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىنىڭ تاق كېچىلىرى، بولۇپمۇ رامزاننىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى قەدىر كېچىسى دېيىشكە ئەڭ ھەقلىقتۇر، چۈنكى بۇنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن ھەدىسلەر بايان قىلىنغان.
بەشىنچى: بىدئەت ئىشنى قىلىش رامىزاندىمۇ ياكى باشقا ۋاقىتلاردىمۇ توغرا ئەمەس، بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«مَنْ أَحْدَثَ فِي أَمْرِنَا هَذَا مَا لَيْسَ مِنْهُ فَهُوَ رَدٌّ»
«كىمكى بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدا (يەنى سەھىھ سۈننەتتە) بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ (ئىش) رەت قىلىنىدۇ».
يەنە بىر رىۋايەتتە شۇنداق دېيىلگەن:
«مَنْ عَمِلَ عَمَلًا لَيْسَ عَلَيْهِ أَمْرُنَا فَهُوَ رَدٌّ»
«كىم بىزنىڭ بۇيرۇقىمىز (كۆرسەتمىمىز) بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا، ئۇ (ئىش) رەت قىلىنىدۇ» [سەھىھۇل بۇخارى].
رامزاننىڭ بەزى كېچىلىرىدە مۇراسىم ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بىلمەيمىز، يولنىڭ ياخشىسى پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يولىدۇر، ئىشنىڭ ئەڭ ناچىرى ئىبادەتتە يېڭىدىن پەيدا بولغانلىرى (يەنى بىدئەتلەر)دۇر.
ئاللاھ تائالا توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچىدۇر.
