ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:
بىز «مېھاننى ھۆرمەتلەش ئۆرپ – ئادەتتۇر» دېمەسلىكىمىز كېرەك. ئەكسىچە، بىز شۇنداق دەيمىزكى، مېھماننى ھۆرمەتلەش ئىبادەتتۇر. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ «كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان بولسا، مېھمىنىنى ھۆرمەتلىسۇن» دېگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھماننى ھۆرمەتلەش ئىنساننى رەببىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىبادەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شۇ كىشىنىڭ ئىسلاھ بولۇشىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى بولىدۇ.
إكرام الضيف ينبغي أن لا نقول: إنه من العادات، بل نقول: إنه من العبادات؛ لأن النبي صلى الله عليه وسلم قال: «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر فليكرم ضيفه». فإكرام الضيف عبادة تقرب الإنسان من ربه، وتكون سبباً لصلاحه بإذن الله
مەنبە: فتاوى نور على الدرب>الشريط رقم [210]

