نامازدا سەجدە قىلغاندا، بۇ نۇقتىغا قاتتىق دىققەت قىلىڭ

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:

كىم (نامازدا) سەجدە قىلسا ۋە سەجدە قىلىۋاتقان چېغىدا ئىككى پۇتىدىن بىرىنى كۆتۈرۈۋالسا (يەنى يەردىن ئاجراتسا)، ئۇنىڭ نامىزى بۇزۇلىدۇ؛ چۈنكى، ئۇ نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرىنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. كىم نامازنىڭ رۇكۇنلىرىدىن بىرنى تەرك ئەتسە، ئۇنىڭ نامىزى بۇزۇلىدۇ. ئەنە شۇنىڭدەك، سەجدە قىلىۋاتقان چېغىدا قولىنى كۆتۈرۈۋالغان (يەنى يەردىن ئاجراتقان) كىشىنىڭ نامىزىمۇ بۇزۇلىدۇ.

مەنبە: شرح بلوغ المرام لابن عثيمين (٤٠/٣) .

✒… من سجد ورفع إحدى رجليه حال السجود فإن صلاته تبطل ؛ لأنه ترك ركناً من أركانها ، ومن ترك ركناً من أركان الصلاة بطلت صلاته ، وكذلك لو رفع اليد في حال السجود فإنها تبطل صلاته .

📗 شرح بلوغ المرام لابن عثيمين (٤٠/٣) .