ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن | كېسەل يوقلاشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا

بىراۋ بىربىمار (ئاغرىپ قالغۇچى)نى يوقلىسا، شۇ يوقلاش ھەر ۋاقىت بىمارنىڭ قەلبىدە ساقلىنىدۇ. ئۇ دائىم شۇ ئىشنى ئەسلەيدۇ ۋە ھەر قېتىم ئەسلىگىنىدە، ئۆزىنى يوقلىغان ئاشۇ كىشىگە بولغان مىننەتدارلىقى ۋە مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بۇ (خىل خۇشاللىق) نۇرغۇن ئەھۋاللاردا ئىپادىلىنىدۇ. بىمار ساقايغاندىن كېيىن، سەن بىلەن ئۇچراشقىنىدا، ئۇنىڭ ھېلىھەم سەندىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى ۋە قەلبىنىڭ شۇ سەۋەبلىك خۇشال ئىكەنلىكىنى بايقايسەن.

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن «ياخشىلار باغچىسى شەرھى»