رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن:
«رَكْعَتَا الْفَجْرِ خَيْرٌ مِنَ الدُّنْيَا وَمَا فِيهَا»
«بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈنننىتى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر» [سەھىھۇل مۇسلىم 725 – ھەدىس]
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «دۇنيا يارىتىلغاندىن تارتىپ تاكى قىيامەتكىچە، ئۇنىڭ ئالتۇن – كۈمۈشتىن بولغان زىننەتلىرى، تۈرلۈك ماتالىرى، ساراي – قەسىرلىرى، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى قوشۇلسا، بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. چۈنكى، دۇنيا يوقىلىدۇ، بۇ ئىككى رەكئەت ناماز بولسا باقىي قالىدۇ.» [«الشرح الممتع على زاد المستقنع» (4/ 70)]
«ركعتا الفَجْرِ خيرٌ مِن الدُّنيا وما فيها» الدُّنيا منذ خُلقت إلى قيام الساعة بما فيها مِن كُلِّ الزَّخارف مِن ذَهَبٍ وفضَّةٍ ومَتَاعٍ وقُصور ومراكب وغير ذلك، هاتان الرَّكعتان خيرٌ مِن الدُّنيا وما فيها؛ لأنَّ هاتين الرَّكعتين باقيتان والدُّنيا زائلة
