قانداق قىلغاندا تەۋھىدنى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ ۋە بۇنىڭ مۇكاپاتى نېمە؟

دۇنياغا مەشھۇر ئەھلى سۈننەت پەتىۋا تور بېتى «ئىسلام سوئال – جاۋابلىرى تورى»دىكى 96083 – نومۇرلۇق سوئال، «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

جاۋاب: بارچە ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر.

بەرىكەت ۋە ئامانلىق پەيغەمبىرىمىزگە بولغاي.

ئاللاھ سىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغاي، سىز تولىمۇ مۇھىم بىر مەسىلە توغرىسىدا سورىدىڭىز. بۇ ئىش (يەنى تەۋھىدنى روياپقا چىقىرىش) ئاللاھ ئاسان قىلغانلارغا ئاساندۇر. بىز ئاللاھتىن بىزنىڭ ۋە بارچە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياخشىلىققا ئېرىشىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى تىلەيمىز.

شۇنىڭغا دىققەت قىلىش زۆرۈركى، تەۋھىدنى روياپقا چىقىرىش ياكى ئاللاھنىڭ (رەبلىكىدە، ئىلاھلىقىدا ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرىدە) يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي مەنىدە ئىشىنىش چىن قەلبتىن «ئاللاھتىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دەپ گۇۋاھلىق بېرىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىككى دەرىجىسى بار بولۇپ، بىرى پەرز، يەنە بىرى مۇستەھەبتۇر.

تەۋھىدنىڭ پەرز بولغان دەرىجىسى تۆۋەندىكى ئۈچ ئىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ:

  1. چوڭ-كىچىك، ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق شېرىكلەردىن قول ئۈزۈش.
  2. ھەرقانداق بىدئەتتىن قول ئۈزۈش.
  3. ھەرقانداق گۇناھتىن قول ئۈزۈش.

تەۋھىدنىڭ مۇستەھەب دەرىجىسىگە كەلسەك، بۇ جەھەتتە كىشىلەرنىڭ دەرىجىسى ناھايىتى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇ دەرىجە كىشىنىڭ قەلبىنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا باغلانماسلىقىنى، شۇ ئارقىلىق قەلبنىڭ تامامەن ئاللاھقا مەركەزلىشىپ، باشقا ھېچكىمگە ۋە ھېچقانداق نەرسىگە ئېتىبار بەرمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تەۋھىدتە بۇ دەرىجىگە يەتكەن كىشى سۆزلىسە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا سۆزلەيدۇ، ئەمەللىرىمۇ پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرىمۇ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ قۇدرەتلىك ئاللاھقىلا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. بەزى ئالىملار بۇ دەرىجىنى «چەكلەنگەن نەرسىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە، قەلب، تىل ۋە بەدەن ئەزالىرىنىڭ رۇخسەت قىلىنغان ئەمەللىرىنىمۇ تەرك ئېتىش» دەپ تەبىرلىگەن.

يۇقىرىقى ئىككى دەرىجىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك بەزى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش زۆرۈر:

  1. ئىلىم.

ئەگەر كىشىنىڭ تەۋھىد توغرىسىدا ئىلمى بولمىسا ياكى ئۇنى چۈشەنمىسە، ئۇ قانداقمۇ تەۋھىدكە ئىگە بولالايدۇ؟ ياكى قانداقمۇ ئاللاھنىڭ (رەبلىكىدە، ئىلاھلىقىدا ۋە ئىسىم-سۈپەتلىرىدە) يەككە-يېگانە ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي مەنىدە ئىشىنەلەيدۇ؟ دىنىي مەسئۇلىيەتلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان، قۇرامىغا يەتكەن ھەربىر كىشى چوقۇم ئۆز ئېتىقادىنى، سۆزلىرىنى ۋە ئەمەللىرىنى توغرىلايدىغان تەۋھىدنى ئۆگىنىشى كېرەك.

  1. ئۇلۇغ ئاللاھتىن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دىن كەلگەن بارلىق كۆرسەتمىلەرگە قەتئىي، شەكسىز، چىن قەلبتىن ئىشىنىش.
  2. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن قەتئىي يېنىش ئارقىلىق، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش.

بىراۋ يۇقىرىقىلارنى قانچە بەك روياپقا چىقىرالىسا، ئۇنىڭ تەۋھىدى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ ۋە ئېرىشىدىغان ساۋابىمۇ شۇنچە كاتتا بولىدۇ.

پەيغەمبىرىمىز صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ تەۋھىدتە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەنلەرنىڭ ھېسابسىز ۋە ئازابسىز ھالدا جەننەتكە كىرىدىغان يەتمىش مىڭ كىشىنىڭ قاتارىدا بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن، بىز ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى تىلەيمىز.

سەھىھۇل بۇخارى (5705) ۋە سەھىھۇل مۇسلىم (220)دا ئىبنى ئابباس رەزىياللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبىرىمىز صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر توغرىلاندى، مەن بەزى پەيغەمبەرلەرنى بىرقانچە ئادەم بىلەن، يەنە بەزى پەيغەمبەرلەرنى ئىككىلا ئادەم بىلەن، ۋە بەزى پەيغەمبەرنى ھېچ ئەگەشكۈچىسى يوق، يالغۇز ھالەتتە كۆردۈم. تۇيۇقسىز بىر توپ كىشىلەر كۆرۈندى، مەن ئۇلارنى مېنىڭ ئۈممىتىممىكىن دەپ گۇمان قىلدىم، ماڭا: <بۇ مۇسا ۋە ئۇنىڭ قەۋمى، لېكىن ئۇپۇق تەرەپكە قارا> دېيىلدى. مەن يەنە بىر توپ كىشىلەرنى كۆردۈم. ماڭا: بۇ سېنىڭ ئۈممىتىڭدۇر، شۇنداقلا ھېسابسىز ۋە ئازابسىز جەننەتكە كىرىدىغان يەتمىش مىڭ ئادەممۇ ئۇلار بىلەن بىللە> دېيىلدى».

ئاندىن پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر ھېسابسىز ۋە ئازابسىز جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئۇ كىشىلەر بەلكى پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ساھابىلىرى بولسا كېرەك» دېيىشسە، يەنە بەزىلىرى: بەلكى ئىسلامدا تۇغۇلۇپ ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن دېيىشتى. ئاندىن پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ چىقىپ: «نېمە توغرىسىدا تالاش تارتىش قىلىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىدى، ئۇلار پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ گە بولۇپ ئۆتكەن سۆزلەرنى دەپ بەردى. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇلار رۇقىيە قىلمايدىغان ۋە قىلدۇرمايدىغان، شۇم پال ئالمايدىغان، (داۋالىنىش مەقسىتىدە) داغلانمايدىغان ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەردۇر» دېدى. ئۇككاشە ئىبنى مۇھسىن ئورنىدىن تۇرۇپ: «ئاللاھنىڭ مېنى شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا دۇئا قىلسىلا» دېۋىدى، پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «سەن شۇلاردىن» دېدى. ئاندىن يەنە بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: «مېنىمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن قىلىشىغا ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا» دېۋىدى. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇككاشە بۇ ئىشتا سەندىن چاققان چىقتى» دېدى.

ھەدىستىكى «رۇقىيە قىلمايدىغان ۋە قىلدۇرمايدىغان» دېگەن بۆلەكنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇلار (ئاغرىپ قالغاندا) باشقىلار ئۆزىگە رۇقىيە قىلىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. گەرچە، باشقىلاردىن ئۆزىگە رۇقىيە ئوقۇشنى تەلەپ قىلىش دۇرۇس بولسىمۇ، لېكىن بۇ تېخىمۇ ياخشى بولغانغا (يەنى تەۋەككۈلنىڭ ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىسىگە) زىتتۇر.

«شۇم پال ئالمايدىغان» دېگەن بۆلەكنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇلار كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك قۇش ياكى باشقا نەرسىلەردىن شۇم پال ئېلىپ، قىلماقچى بولغان ئىشىدىن خۇراپىيلىق سەۋەبلىك ۋاز كەچمەيدۇ. خۇراپىيلىق ھارام بولۇپ، كىچىك شېرىكنىڭ بىر تۈرىدۇر.

«داغلانمايدۇ» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇلار كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن ئوت ئارقىلىق داغلانمايدۇ. گەرچە داغلىنىشنىڭ پايدىسى بار بولسىمۇ، لېكىن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ئۇنى يامان كۆرگەن. شۇنداقلا، ئوتنىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئوت بىلەن جازالاشقا ھەققى يوق.

بۇ ئۈچ بۆلەكتىكى ئورتاق نۇقتا، ئۇلارنىڭ «ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىدىغانلىقى»دۇر. يەنى ئۇلار تەۋەككۈلدە ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىگە يەتكەن بولۇپ، سەۋەبلەرگە ئازراقمۇ ئېتىبار بەرمەيدۇ ۋە تايىنىۋالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار پەقەت ئۇلۇغ رەببىگىلا تايىنىدۇ.

سەئىد ئىبنى ھەبىب رەھىمەھۇللاھنىڭ ئېيتقىنىدەك، تەۋەككۈل ئىماننىڭ جەۋھىرىدۇر. يەنە شۇنداقلا، ۋەھب ئىبنى مۇنەببىھنىڭ ئېيتقىنىدەك، ئۇ ئالىي غايىدۇر.

4203 – نومۇرلۇق سوئالغا بېرىلگەن جاۋابتىن، بۇ ھەدىس توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشەلەيسىز. ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

ھەقىقىي تەۋھىد قۇرۇق ئارزۇ ۋە ياسالمىلىق بىلەن، ياكى ئىچى بوش قۇرۇق دەۋالار بىلەن ۋۇجۇدقا چىقمايدۇ، ئەكسىچە ئۇ قەلبتە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان قەتئىي ئىمان بىلەن؛ توغرا پوزىتسىيە ۋە سالىھ ئەمەل ئارقىلىق ئىسپاتلانغان ھەقىقىي ئېھسان بىلەن ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. مۇسۇلمان چوقۇم ھاياتىنىڭ ھەربىر دەقىقىسىنى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە ئۆتكۈزۈشكە، ياخشى ئەمەللەرنى ۋە ئىبادەتلەرنى قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك. ئۇ (بۇ جەرياندا دۇچ كەلگەن) قىيىنچىلىقلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇنىڭ خۇشاللىقىدىن ھۇزۇر تېپىشى كېرەك. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ماتاسى قىممەتتۇر، ئاللاھنىڭ ماتاسى جەننەتتۇر.

ئەللامە ئابدۇراھمان سەئىدى رەھىمەھۇللاھنىڭ «القول السديد على مقاصد كتاب التوحيد» دېگەن ئەسىرىنىڭ 20~23 – بەتلىرىگە قاراڭ.