تەپسىر | ئاللاھ تەئالانىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرى ھەققىدە غەپلەتتە يۈرۈش خارلىققا سەۋەب بولىدۇ.

ئاللاھ تەئالانىڭ بۇيرۇق – چەكلىمىلىرى ھەققىدە ئويلانماسلىق، بۇ ھەقتە غەپلەتتە يۈرۈش خارلىققا سەۋەب بولىدۇ.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

{وَيَجْعَلُ الرِّجْسَ عَلَى الَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ}

«ئاللاھ ئەقىل يۈرگۈزمەيدىغانلارنى خارلىققا دۇچار قىلىدۇ.» [يۇنۇس سۈرىسى 100 – ئايەت]

بۇ ئايەت «تەپسىر مۇيەسسەر»دە مۇنداق تەپسىرلەنگەن:

“ويجعل الله العذاب والخزي على الذين لا يعقلون أمره ونهيه”

«ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرى ھەققىدە ئەقىل يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئازابقا ۋە خارلىققا دۇچار قىلىدۇ.»