گۇناھلار بىلەن خارلىقنىڭ مۇناسىۋىتى

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

{وَكَذَٰلِكَ نُوَلِّي بَعۡضَ ٱلظَّٰلِمِينَ بَعۡضَۢا بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ}

«ئەنە شۇنىڭدەك، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن، زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە مۇسەللەت قىلىمىز» [ئەنئام سۈرىسى 129 – ئايەت]

بۇ ئايەت «تەپسىر مۇيەسسەر»دە مۇنداق تەپسىرلەنگەن:

«جىنلاردىن بولغان شەيتانلارنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى كۇففارلارغا مۇسەللەت قىلغىنىمىزدەك، ئىنسانلاردىن بولغان زالىملارنى قىلغان گۇناھلىرى سەۋەبلىك بىر – بىرىگە مۇسەللەت قىلىمىز.»