📌 ئى مۇسۇلمان! ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا خىيانەت قىلىۋاتامسىز؟

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

{يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَخُونُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ}

«ئى ئىمان ئېيتقانلار! ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار» [ئەئراف سۈرىسى 27 – ئايەت]

بەلكىم بۈگۈنگىچە بۇ ئايەتنى تالاي قېتىم ئوقۇغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما، «ئى ئىمان ئېيتقانلار!» دەپ باشلانغان بۇ خىتابنىڭ ئۆزىمىزگە زادى قانداق ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە بىرەر قېتىم ئەستايىدىل ئويلىنىپ باقتۇقمۇ، يوق؟

بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان «خىيانەت»تىن مەقسەت زادى نېمە؟

بۇ ئايەت «تەپسىر مۇيەسسەر»دە مۇنداق تەپسىرلەنگەن:

«لا تخونوا الله ورسوله بترك ما أوجبه الله عليكم وفِعْل ما نهاكم عنه»

«ئاللاھ سىلەرگە پەرز قىلغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش ياكى سىلەر ئۈچۈن چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا خىيانەت قىلماڭلار.»

يەنى ھەرقانداق پەرزنى تەرك ئېتىش ياكى ھەرقانداق ھارامنى سادىر قىلىش ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قىلىنغان خىيانەت ھېسابلىنىدۇ ۋە بىز بۇنى بىلىپ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، خالىساقتۇ، خالىمىساقتۇ، «خىيانەتچى» ھېسابلىنىمىز.

خىيانەتتىن قول ئۈزىدىغان ۋاقىت كەلمىدىمۇ؟