«وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا» دېگەن ئايەتنىڭ تەپسىرى

ئەبۇسەئىد خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئاللاھنىڭ «وَكَذَٰلِكَ جَعَلْنَاكُمْ أُمَّةً وَسَطًا» «ئەنە شۇنىڭدەك سىلەرنى ئوتتۇراھال ئۈممەت قىلدۇق» [سۈرە بەقەرە 143 – ئايەت] دېگەن ئايەتتىكى «وَسَطًا» (ئوتتۇراھال) دېگەن سۆزنى «ئادىل» دەپ تەپسىرلىگەن.

«جامىئۇت تىرمىزى» 3222 – ھەدىس، سەھىھ.

*دېمەك بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «ئەنە شۇنىڭدەك سىلەرنى ئادىل ئۈممەت قىلدۇق» دېگەنلىك بولىدۇ.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.