ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ھەرگىز ئۈمىد ئۈزمەڭ

«ئۇيغۇر ئىسلام بىلوگى» تەييارلىدى.
*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد ئۈزۈشنى چەكلىگەن ئايەتلەر:

1. ئى ئوغۇللىرىم! بېرىڭلار، يۇسۇفنى ۋە ئۇنىڭ ئۇكىسىنى ئىزدەڭلار، ﷲ نىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولماڭلار، شۈبھىسىزكى، پەقەت كاپىر قەۋملا ﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ [سۈرە يۇسۇف 87 – ئايەت].

2. ئىبراھىم: «گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ رەببىنىڭ رەھمىتىدىن نائۈمىد بولار؟» [سۈرە ھىجىر 56 – ئايەت]. 

3. ﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى ئاخىرەتنى) ئىنكار قىلغانلار __ ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ [سۈرە ئەنكەبۇت 23 – ئايەت]. 

4. (ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، «(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ﷲ ھەقىقەتەن (خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [سۈرە زۇمەر 53 – ئايەت].

*ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق سائادىتى ئۈچۈن تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.