نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئىشنىڭ توغرا – خاتالىقى توغرىسىدا گەپ قىلغاندا، ئايەت – ھەدىسلەرنى دەلىل قىلماستىن، بەلكى «كىشىلەر مۇنداق قىلىدىكەن، شۇنچە ئادەم تەڭ خاتالىشامدۇ؟» دېگەن تەرزدە «كۆپچىلىكنىڭ مەۋقەسى»نى ھۆججەت قىلماقچى بولۇشىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسانلارنىڭ پۈتكۈل ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرىدىغان رەببىمىز «كۆپىنچە ئىنسانلار»نىڭ ئەھۋالى ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
ﷲ تعالى مۇنداق دەيدۇ:
1. {إِنَّ اللَّهَ لَذُو فَضْلٍ عَلَى النَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَشْكُرُونَ}
«ﷲ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (ﷲ نىڭ ساناقسىز نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمايدۇ» [بەقەرە سۈرىسى 243 – ئايەت]
2. {إِنَّهُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكَ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ}
«ئۇ (يەنى ئىسلام دىنى) ھەقىقەتەن رەببىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتمايدۇ.» [ھۇد سۈرىسى 17 – ئايەت]
3. {ذَٰلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ}
«بۇ توپتوغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ» [يۇسۇف سۈرىسى 40 – ئايەت]
4. {وَمَا أَكْثَرُ النَّاسِ وَلَوْ حَرَصْتَ بِمُؤْمِنِينَ}
«گەرچە سەن (كىشىلەرنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا) ھېرىس بولساڭمۇ، ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتمايدۇ» [يۇسۇف سۈرىسى 103 – ئايەت]
5. {وَمَا أَرْسَلْنَاكَ إِلَّا كَافَّةً لِّلنَّاسِ بَشِيرًا وَنَذِيرًا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ}
«بىز سېنى پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۇئمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدۇ» [سەبە سۈرىسى 28 – ئايەت]
6. {إِنَّ السَّاعَةَ لَآتِيَةٌ لَّا رَيْبَ فِيهَا وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يُؤْمِنُونَ}
«قىيامەت چوقۇم كېلىدۇ، ئۇنىڭدا شەك يوقتۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى (ئۇنىڭغا) ئىشەنمەيدۇ (يەنى ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى، قىيامەت كۈنى بېرىلىدىغان مۇكاپات بىلەن جازانى ئىنكار قىلىدۇ)» [غافىر سۈرىسى 59 – ئايەت]
ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، «خەق»كە ئەگىشەمدۇق، «ھەق»كىمۇ؟
