قۇرئاننى يادلاشتىكى مەقسەت نېمە؟

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«قۇرئان توغرىسىدا ئىنسانلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشتۇر. ئەگەر قۇرئاننى يادلىغان كىشىنىڭ نىيىتى بۇ (يەنى قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش) بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇ ئىلىمنىڭ ۋە دىننىڭ ئەھلى ھېسابلانمايدۇ، ئاللاھ سۇبھانەھۇ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر».

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 23 – جىلىد 55 – بەت.

«مجموع الفتاوى» (23/ 55):

«وَالْمَطْلُوبُ مِنْ الْقُرْآنِ هُوَ فَهْمُ مَعَانِيهِ وَالْعَمَلُ بِهِ فَإِنْ لَمْ تَكُنْ هَذِهِ هِمَّةَ حَافِظِهِ لَمْ يَكُنْ مِنْ أَهْلِ الْعِلْمِ وَالدِّينِ وَاَللَّهُ سُبْحَانَهُ أَعْلَمُ»