ئاينىڭ يېرىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئايەت – ھەدىسلەر

ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن: «اقْتَرَبَتِ السَّاعَةُ وَانشَقَّ الْقَمَرُ» «قىيامەت يېقىنلاشتى، ئاي يېرىلدى» [سۈرە قەمەر 1 – ئايەت].

1.ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇكى، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم نىڭ زامانىدا، ئاي ئىككىگە يېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم (بۇ ھەقتە) «گۇۋاھ بولۇڭلار!» دېدى. 
[سەھىھۇل بۇخارى 3636 – ھەدىس].

2.ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇكى، مەككىلىكلەر رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم دىن مۆجىزە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ (پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم) ئۇلارغا ئاينىڭ يېرىلىشىنى كۆرسەتتى. 
[سەھىھۇل بۇخارى 3637 – ھەدىس]. 

3.ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇكى، پەيغەمبەر صلى الله عليه وسلم‏ نىڭ زامانىدا ئاي يېرىلغان. 
[سەھىھۇل بۇخارى 3638 – ھەدىس].


* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.