تەپسىر مۇيەسسەر ئەبەسى سۈرىسى 33~37-ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى.
«قىيامەت كۈنى دەھشىتى سەۋەبلىك قۇلاقلارنى گاس قىلىۋېتىدىغان ئاۋاز (يەنى ئىككىنچى قېتىملىق سۇر ئاۋازى) كەلگەندە، ئۇ كۈننىڭ دەھشىتىدىن كىشى ئۆزىنىڭ قېرىندىشىدىن، ئانىسىدىن ۋە دادىسىدىن، جورىسىدىن ۋە بالىلىرىدىن قاچىدۇ. ئۇ كۈندە ھەربىر ئادەم ئۆز دەردى بىلەن قالىدۇكى، بۇ ئۇلارنىڭ باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئىمكانىيەت قالدۇرمايدۇ».
فإذا جاءت صيحة يوم القيامة التي تصمُّ مِن هولها الأسماع، يوم يفرُّ المرء لهول ذلك اليوم من أخيه، وأمه وأبيه، وزوجه وبنيه. لكل واحد منهم يومئذٍ أمر يشغله ويمنعه من الانشغال بغيره
