ئاللاھ تەئالانىڭ گۈزەل ئىسىم – سۈپەتلىرىدىن بەزىلىرى

ھەشر سۈرىسى 22 ~ 24 – ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى، «تەپسىر مۇيەسسەر»دىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

22. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا ئۆزىدىن باشقا ھەق ئىلاھ بولمىغان ھەق مەئبۇدتۇر. ئاشكارىنىمۇ، يوشۇرۇننىمۇ بىلگۈچىدۇر. ئۇ غەيىبنىمۇ، ئاشكارىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇ رەھمىتى ھەر شەيئىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھمان (الرَّحْمَٰنُ) ۋە ئۆزىگە ئىمان ئېيتقانلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك بولغان رەھىم (الرَّحِيمُ)دۇر.
23. ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھېچبىر ھەق ئىلاھ بولمىغان ھەق مەئبۇدتۇر. ھەر شەيئىنىڭ ئىگىسى، رەقىبسىز ۋە تالاش – تارتىشسىز ھۆكۈمرانىدۇر (الْمَلِكُ). ئۇ ھەرقانداق كەمچىلىكتىن پاكتۇر (الْقُدُّوسُ). بارلىق ئەيىب – نۇقسانلاردىن يىراقتۇر (السَّلَامُ). پەيغەمبەرلىرىنى ۋە رەسۇللىرىنى ئۇلارغا ئەۋەتكەن ئوچۇق دەلىل ۋە مۆجىزىلىرى ئارقىلىق تەستىقلىغۇچىدۇر (الْمُؤْمِنُ). بارلىق بەندىلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر (الْمُهَيْمِنُ). چەكسىز قۇدرەت ساھىبى ۋە يېڭىلمەس غالىبتۇر (الْعَزِيزُ). بارچە بەندىلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ۋە بارچە مەۋجۇدات ئۇنىڭغا بويۇن ئېگىدىغان زاتتۇر (الْجَبَّارُ). ئۇلۇغلۇق ۋە كاتتىلىقنىڭ يېگانە ساھىبىدۇر (الْمُتَكَبِّرُ). ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئىبادەتتە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر.
24. ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا مەۋجۇداتنى يارىتىپ، تەقدىر قىلغۇچىدۇر (الْخَالِقُ). ئۇلارنى ئۆز ھېكمىتىگە ئۇيغۇن رەۋىشتە يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر (الْبَارِئُ) ۋە مەخلۇقاتلىرىنى ئۆزى خالىغانچە شەكىلگە كىرگۈزگۈچىدۇر (الْمُصَوِّرُ). ئەڭ گۈزەل ئىسىملەر ۋە ئەڭ ئالىي سۈپەتلەر ئۇنىڭغىلا خاستۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر نەرسە ئۇنى بارچە – ئەيىب نۇقسانلاردىن پاك دەپ تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئۇ دۈشمەنلىرىدىن قاتتىق ئىنتىقام ئالىدىغان چەكسىز قۇدرەت ساھىبى ۋە يېڭىلمەس غالىبتۇر (الْعَزِيزُ). بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ھېكمەت ساھىبىدۇر (الْحَكِيمُ).

تەپسىرنىڭ ئەرەبچىسى:

هو الله سبحانه وتعالى المعبود بحق الذي لا إله سواه، عالم السر والعلن، يعلم ما غاب وما حضر، هو الرحمن الذي وسعت رحمته كل شيء، الرحيم بأهل الإيمان به (٢٢)

هو الله المعبود بحق، الذي لا إله إلا هو، الملك لجميع الأشياء، المتصرف فيها بلا ممانعة ولا مدافعة، المنزَّه عن كل نقص، الذي سلِم من كل عيب، المصدِّق رسله وأنبياءه بما ترسلهم به من الآيات البينات، الرقيب على كل خلقه في أعمالهم، العزيز الذي لا يغالَب، الجبار الذي قهر جميع العباد، وأذعن له سائر الخلق، المتكبِّر الذي له الكبرياء والعظمة. تنزَّه الله تعالى عن كل ما يشركونه به في عبادته (٢٣)

هو الله سبحانه وتعالى الخالق المقدر للخلق، البارئ المنشئ الموجد لهم على مقتضى حكمته، المصوِّر خلقه كيف يشاء، له سبحانه الأسماء الحسنى والصفات العلى، يسبِّح له جميع ما في السموات والأرض، وهو العزيز شديد الانتقام مِن أعدائه، الحكيم في تدبيره أمور خلقه (٢٤)