ئاللاھ تائالا شۇنداق دەيدۇ:
{هُوَ الْأوَّلُ وَالْآخِرُ وَالظّاهِرُ وَالْباطِنُ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ}
«الله ئەۋۋەلدۇر (ئۇنىڭدىن ئەۋۋەل ھېچنەرسە يوقتۇر)، ئۇ ئاخىرقىدۇر (ئەبەدىيدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچنەرسە يوقتۇر)، ئەڭ ئۈستۈندۇر، (ئىلمى ئارقىلىق) ئەڭ يېقىندۇر (ھېچنەرسە ئۇنىڭدىن بەكرەك يېقىن ئەمەستۇر)، ئۇ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر (ھېچنەرسە ئۇنىڭغا مەخپىي قالمايدۇ)»
سۈرە ھەدىد 3 – ئايەت.
شەيخ بىن باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن: سەھىھۇل مۇسلىمدىكى ھەدىستە، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «وَأَنْتَ الظَّاهِرُ فَلَيْسَ فَوْقَكَ شَيْءٌ» «(ئى ئاللاھ) سەن زاھىرسەن، ھېچنەرسە سېنىڭ ئۈستۈڭدە ئەمەس» دېگەن. دېمەك، ({هُوَ الْأوَّلُ وَالْآخِرُ وَالظّاهِرُ وَالْباطِنُ وَهُوَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ} دېگەن ئايەتتىكى) «الظّاهِرُ»نىڭ مەنىسى «ئالىي»دۇر. لېكىن، («ظّاهر»نىڭ «ئاشكارا، روشەن» دېگەن مەنىلىرى جەھەتتە) ئاللاھ نىڭ ئايەت – مۆجىزىلىرى، مەۋجۇتلۇقىنىڭ، ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ۋە ئىلمىنىڭ دەلىل – پاكىتلىرى ھەممىلا يەردە ئاشكارا بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ پۈتۈن ئالەملەرنىڭ رەببى، ياراتقۇچىسى ۋە رىزىقلاندۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. [«شەيخ بىن بازنىڭ ماقالە – پەتىۋالار مەجمۇئەسى» 6 – جىلىد 220 – بەت].
بۇنىڭدن سىرت، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە شۇ ھەدىستە: «وَأَنْتَ الْبَاطِنُ فَلَيْسَ دُونَكَ شَيْءٌ» «سەن يېقىنسەن، ھېچنەرسە سەندىن يېقىن ئەمەس» دېگەن.
بۇ ئايەت مۆتىۋەر ئەھل سۈننەت تەپسىرلىرىدىن «تەپسىر مۇيەسسەر»دىمۇ دەل مۇشۇنداق تەپسىرلەنگەن.
شۇ ۋەجىدىن، گەرچە «الظَّاهِرُ»نىڭ ئەرەب تىلىدىكى لۇغەت مەنىسى «ئاشكارا، روشەن»؛ «الْباطِنُ»نىڭ ئەرەبچە لۇغەت مەنىسى «يوشۇرۇن، مەخپىي» بولسىمۇ، ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئىسىملىرىنى يۇقىرىدا نەقىل قىلىنغان سەھىھ ھەدىستىكى بويىچە، «الظّاهِرُ»نى «ئالىي/ئەڭ ئۈستۈن» دەپ، «الْباطِنُ»نى «(ئىلمى ئارقىلىق) يېقىن» دەپ چۈشىنىش ئەڭ توغرىدۇر.
