رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ دېدەك قىزدىن «الله قەيەردە؟» دەپ سورىغانلىقى

مۇئاۋىيە ئىبنى ھەكەم سۇلەمىي رضي الله عنه شۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ دېدىكىم ئۇھۇد تېغىنىڭ ئەتراپىدا قوي باقاتتى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز بۆرە كېلىپ بىر قوينى ئېلىپ كېتىپتۇ. مەنمۇ ئىنسان بولغاچ، بەك قايغۇردۇم ۋە دېدەك قىزنى ئۇردۇم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ يېنىغا كەلدىم (ۋە ئەھۋالدىن خەۋەر بەردىم). رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماڭا ئىنتايىن خاتا قىلغانلىقىمنى ئېيتتى. مەن: «ئى الله نىڭ رەسۇلى! ئۇنداقتا، ئۇنى ئازاد قىلىۋەتمەيمۇ؟» دېۋىدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كەل!» دېدى.
مەن دېدەكنى رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ نىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدىم. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أَيْنَ اللهُ؟» «الله قەيەردە؟» دەپ سورىغانىدى، دېدەك «فِي السَّمَاءِ» «ئاسماندا» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «مَنْ أَنَا؟» «مەن كىم؟» دېگەندە، دېدەك: «سىلى الله نىڭ پەيغەمبىرى» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «أَعْتِقْهَا فَإِنَّهَا مُؤْمِنَةٌ» «ئۇنى ئازاد قىلىۋەتكىن، چۈنكى ئۇ مۇئمىنەدۇر» دېدى.
سەھىھۇل مۇسلىم 537.
ھەدىسنىڭ مەتنى:
«صحيح مسلم» (537):
وَكَانَتْ لِي جَارِيَةٌ تَرْعَى غَنَمًا لِي قِبَلَ أُحُدٍ وَالْجَوَّانِيَّةِ، فَاطَّلَعْتُ ذَاتَ يَوْمٍ فَإِذَا الذِّيبُ قَدْ ذَهَبَ بِشَاةٍ مِنْ غَنَمِهَا، وَأَنَا رَجُلٌ مِنْ بَنِي آدَمَ آسَفُ كَمَا يَأْسَفُونَ لَكِنِّي صَكَكْتُهَا صَكَّةً، فَأَتَيْتُ رَسُولَ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ فَعَظَّمَ ذَلِكَ عَلَيَّ. قُلْتُ: يَا رَسُولَ اللهِ، أَفَلَا أُعْتِقُهَا؟ قَالَ: ائْتِنِي بِهَا. فَأَتَيْتُهُ بِهَا فَقَالَ لَهَا: أَيْنَ اللهُ؟. قَالَتْ: فِي السَّمَاءِ. قَالَ: مَنْ أَنَا؟ قَالَتْ: أَنْتَ رَسُولُ اللهِ. قَالَ: أَعْتِقْهَا فَإِنَّهَا مُؤْمِنَةٌ».