ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە روھ پۈۋلەنگەندىن كېيىن چۈشكۈرگەنلىكى ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار

رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن:

«‌لَمَّا ‌نَفَخَ ‌الله ‌فِي ‌آدَمَ ‌الروح، ‌فَبَلَغَ ‌الرُّوحُ ‌رَأْسَهُ ‌عَطَسَ، ‌فَقَالَ: ‌الْحَمْدُ ‌للهِ ‌رَبِّ ‌الْعَالَمِينَ، ‌فَقَالَ ‌لَهُ ‌تَبَارَكَ ‌وَتَعَالَى: ‌يَرْحَمُكَ ‌اللهُ»

«ئاللاھ ئادەمگە روھ پۈۋلىگەندە ۋە روھ ئۇنىڭ بېشىغا يېتىپ بارغاندا، ئادەم چۈشكۈرۈپ: <‌الْحَمْدُ ‌للهِ ‌رَبِّ ‌الْعَالَمِينَ> <بارچە ھەمدۇ – سانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر> دېۋىدى، ئاللاھ تابارەكە ۋەتائالا ئۇنىڭغا <ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلغاي> دېدى».

شەيخ ئەلبانى «سلسلة الأحاديث الصحيحة» 2159 – نومۇردا سەھىھ دەپ باھالىغان.