مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ: «بىر كۈنى، رەسۇلۇللاھ ﷺ يېنىمغا كىرىپ، <يېنىڭلاردا يېگۈدەك بىرەر نەرسە بارمۇ؟> دېدى. بىز <يوق> دېدۇق. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ﷺ: <ئۇنداقتا مەن (نەپلە) روزا تۇتتۇم> دېدى.
ئاندىن رەسۇلۇللاھ ﷺ باشقا بىر كۈنى يېنىمىزغا كەلدى. بىز ئۇنىڭغا <يا رەسۇلۇللاھ! بىزگە ئازراق ھەيس (بىر خىل تاماق) ھەدىيە قىلىنغانىدى> دېدۇق. رەسۇلۇللاھ ﷺ: <ئۇنى ماڭا كۆرسىتىڭلار، مەن بۈگۈن (نەپلە) روزا تۇتۇۋالغانىدىم» دېدى ۋە (روزىسىنى بۇزۇپ) ئۇنىڭدىن يېدى.
[سەھىھۇل مۇسلىم، 1154 – نومۇرلۇق ھەدىس].
روى مسلم (1154) عَنْ عَائِشَةَ أُمِّ الْمُؤْمِنِينَ قَالَتْ دَخَلَ عَلَيَّ النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ذَاتَ يَوْمٍ فَقَالَ هَلْ عِنْدَكُمْ شَيْءٌ فَقُلْنَا لا قَالَ فَإِنِّي إِذَنْ صَائِمٌ ثُمَّ أَتَانَا يَوْمًا آخَرَ فَقُلْنَا يَا رَسُولَ اللَّهِ أُهْدِيَ لَنَا حَيْسٌ فَقَالَ أَرِينِيهِ فَلَقَدْ أَصْبَحْتُ صَائِمًا فَأَكَلَ
