ھەدىس شەرىف | رەسۇلۇللاھ ﷺ قانچە قېتىم ھەج، قانچە قېتىم ئۆمرە قىلغان؟

بەھز ۋە ئابدۇسسەمەد بىزگە مۇنداق سۆزلەپ بەردى: ھاممام ئىبنى يەھيا بىزگە سۆزلەپ بەردى، قەتادە بىزگە سۆزلەپ بەردى، ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئەنەس ئىبنى مالىكتىن: «رەسۇلۇللاھ صلى الله عليه وسلم قانچە قېتىم ھەج قىلغان؟» دەپ سورىغانىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىر قېتىم ھەج قىلغان ۋە تۆت قېتىم ئۆمرە قىلغان: ھۇدەيبىيە يىلىدىكى ئۆمرىسى، مەدىنىدىن زۇلقەئىدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرىسى، ھۇنەين غەنىمەتلىرىنى تەقسىم قىلغان چاغدا جىئرانەدىن زۇلقەئىدە ئېيىدا قىلغان ئۆمرىسى ۋە ھەج بىلەن بىرگە قىلغان ئۆمرىسى.» [مۇسنەد ئەھمەد 12372 – ھەدىس، شەيخ شۇئەيب ئارناۋۇت «بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ» دېگەن.]

12372 – حَدَّثَنَا بَهْزٌ وَعَبْدُ الصَّمَدِ – الْمَعْنَى – قَالَا: حَدَّثَنَا هَمَّامُ بْنُ يَحْيَى، حَدَّثَنَا قَتَادَةُ، قَالَ: سَأَلْتُ أَنَسَ بْنَ مَالِكٍ قُلْتُ: ‌كَمْ ‌حَجَّ رَسُولُ اللهِ صلى الله عليه وسلم؟ قَالَ: حَجَّةً وَاحِدَةً، وَاعْتَمَرَ أَرْبَعَ مِرَارٍ: عُمْرَتَهُ زَمَنَ الْحُدَيْبِيَةِ، وَعُمْرَتَهُ فِي ذِي الْقَعْدَةِ مِنَ الْمَدِينَةِ، وَعُمْرَتَهُ مِنَ الْجِعِرَّانَةِ فِي ذِي الْقَعْدَةِ، حَيْثُ قَسَمَ غَنِيمَةَ حُنَيْنٍ، وَعُمْرَتَهُ مَعَ حَجَّتِهِ [إسناده صحيح على شرط الشيخين. عبد الصمد: هو ابن عبد الوارث.].