الله نىڭ قولى توغرىسىدىكى توغرا ئەقىدە

الله نىڭ قولى

الله نىڭ (كۆچمە مەنىدە ئەمەس) ھەقىقىي قولى بار. ئۇنىڭ قولى ئەڭ مۇكەممەلدۇر. لېكىن، ئۇلار مەخلۇقاتنىڭ قولىدىن تامامەن پەرقلىق.

الله قوللىرى بىلەن نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟

الله قۇرئاندا ئۆزىنىڭ قولىنى تىلغا ئالغان. مەسىلەن، ئۇ ئادەم عليه السلام نى ئۆز قولى بىلەن ياراتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن:

{قَالَ يَا إِبْلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسْجُدَ لِمَا خَلَقْتُ بِيَدَيَّ}

«الله ئېيتتى: <ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى؟>» [سۈرە ساد 75 – ئايەت].

الله سبحانه وتعالى بىزگە ئۆز قولىنىڭ غايەت زور كۈچ – قۇدرىتىنى بايان قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:

{وَمَا قَدَرُوا اللَّـهَ حَقَّ قَدْرِهِ وَالْأَرْضُ جَمِيعًا قَبْضَتُهُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ وَالسَّمَاوَاتُ مَطْوِيَّاتٌ بِيَمِينِهِ ۚ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَىٰ عَمَّا يُشْرِكُونَ}

«ئۇلار الله نى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي الله نىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار الله نىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، الله ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر» [سۈرە زۇمەر 67 – ئايەت].

الله ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا ئۆز قولى ئارقىلىق رىزىق ئاتا قىلىدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھ ﷺ شۇنداق دېگەن:

«الله نىڭ ئوڭ قولى لىقمۇلىق تولغان بولۇپ، كېچە – كۈندۈز سەرپ قىلىش ئۇنى كېمەيتىۋېتەلمەيدۇ. الله ئاسمان – زېمىننى ياراتقاندىن بۇيان سەرپ قىلغان نەرسىنىڭ مىقدارىنى ئويلاڭلاركى، ئۇ الله نىڭ ئوڭ قولىدىكى نېمەتلەرنى كېمەيتىۋېتەلمىگەن» [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە باشقىلار توپلىغان].

يەنە شۇمۇ بىزگە مەلۇمكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ قەسەم قىلغاندا دائىم «والذي نفسي بيده» «جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى» دەيتتى. بۇ بىزنىڭ ھايات – ماماتلىق بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ الله نىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

بىز يۇقىرىقى دەلىللەردىن الله سبحانه وتعالى نىڭ ئۆزىگە خاس، قۇدرەتلىك، سېخىي، ھەممىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان قولى بارلىقىنى بىلدۇق. ئەمما، بىز الله نىڭ قولىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز.

الله نىڭ ئىككىلا قولى ئوڭدۇر

ئادەتتە ئىنسانلارنىڭ ئوڭ – سول ئىككى قولى بار بولىدۇ ۋە ئۇلار بىر قولىنى (كۆپىنچە ھاللاردا ئوڭ قولىنى) يەنە بىرسىگە (سول قولىغا) قارىغاندا ياخشىراق ئىشلىتەلەيدۇ. ئەمما، الله قا نىسبەتەن، ئۇنىڭ ھەر ئىككى قولى مۇكەممەل ۋە قۇدرەتلىكتۇر. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئوڭ قول دەپ ئاتىلىدۇ. ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رضي الله عنهما رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:

«إن المقسطين عند الله يوم القيامة على منابر من نور عن يمين الرحمن، وكلتا يديه يمين‏:‏ الذين يعدلون في حكمهم، وأهليهم، وما ولوا»

«ئادىل كىشىلەر قىيامەت كۈنى رەھمان(الله سبحانه وتعالى)نىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى نۇردىن بولغان تەختلەردە ئولتۇرغۇزىلىدۇ. الله نىڭ ئىككىلى قولى ئوڭدۇر. بۇ ئادالەت ئىگىلىرى ھۆكۈمرانلىقىدا، ئائىلە بالا-چاقىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان ئىشلاردا ئادىل بولغانلاردۇر» (مۇسلىم 1827؛ جامىئۇس سەغىر 2121؛ سەھىھ جامىئ ‍1953).

«بەسىرە ئاكادېمىيەسى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان، شەيخ مۇھەممەد ئەلجىبالىينىڭ «ئاللاھنى تونۇش» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.