ئاللاھ تەئالا كىملەرنى ياخشى كۆرىدۇ؟

«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەييارلىدى

الله تعالى شۇنداق دەيدۇ:

{إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ}

«ھەقىقەتەن الله مۇھسىنلارنى (يەنى الله قا خۇددى ئۇنى كۆرۈپ تۇرغاندەك گۈزەل رەۋىشتە، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلغان ۋە الله نىڭ بەندىلىرىگە ياخشىلىق قىلىدىغانلارنى) ياخشى كۆرىدۇ» [بەقەرە سۈرىسى 195 – ئايەت].

 

{إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ التَّوَّابِينَ وَيُحِبُّ الْمُتَطَهِّرِينَ}

«ھەقىقەتەن الله تەۋبە قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە (ماددىي – مەنىۋى ئىللەتلەردىن) پاكلانغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» [بەقەرە سۈرىسى 222 – ئايەت].

{فَإِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَّقِينَ}

«ھەقىقەتەن الله تەقۋادارلارنى ياخشى كۆرىدۇ» [ئال ئىمران سۈرىسى 76 – ئايەت].

 

{‌وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ}

«الله سەبىر قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» [ئال ئىمران سۈرىسى 146 – ئايەت].

 

{إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُتَوَكِّلِينَ}

«ھەقىقەتەن الله تەۋەككۈل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» [ئال ئىمران سۈرىسى 159 – ئايەت].

{إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الْمُقْسِطِينَ}

«ھەقىقەتەن الله ئادىل بولغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ» [مائىدە سۈرىسى 42 – ئايەت].

 

{إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِهِ صَفًّا كَأَنَّهُم بُنْيَانٌ مَّرْصُوصٌ}

«ھەقىقەتەن الله ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە ساباتلىق تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) ياخشى كۆرىدۇ» [ساف سۈرىسى 4 – ئايەت].