ئاللاھ تەئالانىڭ كائىناتتىكى ئايەتلىرىدىن بىر قەترە

ئاللاھ تەئالانىڭ كائىناتتىكى ئايەتلىرىدىن بىر قەترە

يەرشارىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز دەپ قارىلىدىغان «Proxima Centauri»نىڭ بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى 40,208,000,000,000 كىلومېتىر ياكى تەخمىنەن 4.25 يورۇقلۇق يىلىدۇر.
بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، بىز مەزكۇر يۇلتۇزنىڭ يورۇقىنى كۆرگەن چېغىمىزدا، كۆرگىنىمىز مۇشۇ يۇلتۇز بۇنىڭدىن تۆت يىل ئۈچ ئاي بۇرۇن قويۇپ بەرگەن نۇر بولىدۇ. يەنى بۇ يۇلتۇزنىڭ نۇرىنىڭ يەرشارىغا يېتىپ كېلىشىگە تۆت يىل ئۈچ ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. بىز بىلەن ئارىلىقى ئەڭ يېقىن يۇلتۇزنىڭ ئەھۋالى بۇ بولسا، بۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقتىكى سان – ساناقسىز يۇلتۇزلارنىڭ ئەھۋالىنى ئويلاپ بېقىڭ.
بۇ قەدەر بىپايان، شۇنداقلا پەۋقۇلئاددە زىل نىزام بىلەن ئايلىنىدىغان كائىناتنى ياراتقان ئاللاھ تەئالا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر، ھەممىگە قادىردۇر.

رەسىمدىكىسى: خابول ئالەم تېلېسكوپىدا تارتىلغان، يەرشارى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 مىڭ يورۇقلۇق يىلى كېلىدىغان «NGC 290» تارقاق يۇلتۇزلار توپىدۇر.