ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىننىڭ جېنىنى ئېلىشتا ئىككىلىنىدىغانلىقى

ئەبۇ ھۇرەيرە رضي الله عنه دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ ھەدىس قۇددۇسىيدا الله ﷻ نىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:

«كىمكى مېنىڭ ۋەلىي (دوست)لىرىمدىن بىرىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىمەن. بەندەم ماڭا مەن ئۇنىڭغا پەرز قىلغان ئەمەللەردىنمۇ سۆيۈملۈكرەك نەرسە بىلەن يېقىنلىشالمايدۇ. بەندەم نەپلە ئەمەللەر ئارقىلىق تاكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەنگە قەدەر ماڭا يېقىنلىشىدۇ. مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن. ئۇ مەندىن ھەرقانداق نەرسىنى سورىسا، ئۇنىڭغا بېرىمەن. ئەگەر ئۇ ماڭا سېغىنىپ پاناھلىق تىلىسە، مەن ئۇنى پاناھىمغا ئالىمەن. مەن ھەرقانداق ئىشتا مۇئمىن بەندەمنىڭ جېنىنى ئېلىشتا ئىككىلەنگەندەك ئىككىلەنمەيمەن. ئۇ ئۆلۈمنى يامان كۆرىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ئازار بېرىشنى يامان كۆرىمەن» [ئىمام بۇخارى توپلىغان].

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.