1. ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن:
{الرَّحْمَٰنُ عَلَى الْعَرْشِ اسْتَوَىٰ}
«ئەڭ مېھرىبان ئاللاھ ئەرش ئۈستىگە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) ئۆرلىدى» [سۈرە تاھا 5 – ئايەت].
2. ئاللاھ تەئالا شۇنداق دېگەن:
{أَأَمِنتُم مَّن فِي السَّمَاءِ أَن يَخْسِفَ بِكُمُ الْأَرْضَ فَإِذَا هِيَ تَمُورُ}
«ئاسماندىكى زاتنىڭ يەر تەۋرىگەن چاغدا سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن قورقمامسىلەر؟» [سۈرە مۇلك 16 – ئايەت].
3. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ شۇنداق دېگەن:
«أَلَا تَأْمَنُونِي وَأَنَا أَمِينُ مَنْ فِي السَّمَاءِ»
«مەن ئاسماندىكى زاتنىڭ ئىشەنچىلىك كىشىسى تۇرسام، سىلەر ماڭا ئىشەنمەمسىلەر؟» [سەھىھۇل بۇخارى 4351 – ھەدىس؛ سەھىھۇل مۇسلىم 1064 – ھەدىس].
4. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ دېدەك قىزدىن سوئال سورىغان ھەدىستە: پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ :«أَيْنَ اللهُ؟» «الله قەيەردە؟» دېۋىدى، دېدەك قىز: «فِي السَّمَاءِ» «ئاسماندا» دېدى. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «مەن كىم؟» دېۋىدى، ئۇ: «سىلى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دېدى. پەيغەمبەر صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ:«ئۇنى ئازاد قىلغىن، ھەقىقەتەن ئۇ مۇئمىنە ئىكەن» دېدى [سەھىھۇل مۇسلىم 537 – ھەدىس].
5. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:
«اللَّهُ عَزَّ وَجَلَّ فِي السَّمَاءِ وَعِلْمُهُ فِي كُلِّ مَكَانٍ»
«ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئاسماندا، ئۇنىڭ ئىلمى ھەر يەردىدۇر» [ ئىمام ئەجۇرىي رەھىمەھۇللاھ «الشريعة» (3/ 1077)].
«سەئۇدىي ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى»نىڭ ئالىملىرى بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئاللاھ ھەر يەردە دەپ ئېتىقاد قىلىدىكەن، ئۇ ھۇلۇلچى (يەنى ئاللاھ بىلەن مەخلۇقاتنىڭ بىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان چىركىن سوپىزم ئەقىدىسىدىكى ئادەم)دۇر. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئاسماندا، ئەرشنىڭ ئۈستىدە، مەخلۇقاتىدىن ئايرىم ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى يۇقىرىقى دەلىللەر بىلەن رەددىيە بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇ قۇرئان، سۈننەت ۋە ئىجمادىكى دەلىللەرگە بويسۇنسا بويسۇندى، بويسۇنمىسا ئىسلامدىن چىققان مۇرتەد كاپىر ھېسابلىنىدۇ» [ئىلمىي تەتقىقات ۋە دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى 3/218]
«فتاوى اللجنة الدائمة – المجموعة الأولى» (3/ 218):
«من اعتقد أن الله في كل مكان فهو من الحلولية، ويرد عليه بما تقدم من الأدلة على أن الله في جهة العلو، وأنه مستو على عرشه بائن من خلقه فإن انقاد لما دل عليه الكتاب والسنة والإجماع وإلا فهو كافر مرتد عن الإسلام»
پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار:
رەئىس: شەيخ ئابدۇلئەزىز بىن ئابدۇللاھ بىن باز
مۇئاۋىن رەئىس: شەيخ ئابدۇرازاق ئەفىفىي
ئەزا ئالىم: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.
ئەزا ئالىم: شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى قائۇد.
