ئىلىمنىڭ ماھىيىتى ۋە مەقسىتى

ئىلىمنىڭ ئەسلى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تەھسىل قىلىنغان ۋە ئىنساننى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىخلاستۇر. ئىنساننىڭ ئەقلىنى ۋە تەقۋاسىنى زېدىلەپ كىرلىتىدىغان ھەر تۈرلۈك پىكىر ۋە ئۇچۇر ئىنساننى رەببىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

بۇ خۇسۇستا، ئىمام شاتىبى رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن:

«<ئىلىم ئىنسانغا رەببىگە قۇلچىلىق قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ئۇچۇردۇر> دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنى پەقەت ئىلىم ئارقىلىقلا تونۇغىلى بولىدۇ. غايە ئاللاھنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىش بولغاندا، ئىلىم بىزنى مۇشۇ غايىگە يەتكۈزىدىغان <ۋەسىلە> ياكى ۋاسىتىلەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكى بولىدۇ. بۇنداق (يەنى ساھىبىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان) ئىلىمنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ماختىغان. ئىنساننى ئاللاھقا ئىتائەت قىلدۇرمايدىغان ھېچبىر ئىلىم ئىسلامدا ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. دېمەك، ئەمەل ئىلىمنىڭ ئاساسى، ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بولسا ئىلىمنىڭ مەقسىتىدۇر.»

مەنبە: «مۇۋەفاقات» 1 – جىلىد 54 – بەت.