«ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەييارلىدى
بىر ئىشقا تېگىشلىك كۆڭۈل بۆلۈپ بولالماسلىق، كۆپىنچە ھاللاردا شۇ ئىشنىڭ ۋەزنىنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇپ يېتەلمىگەنلىكتىن بولىدۇ.
ئىنشائاللاھ، تۆۋەندىكى ئايەتلەر بىزنىڭ دىنىي ئىلىمنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ئورنىنى، قىممىتىنى تونۇپ يېتىشىمىزگە ۋە شۇ سەۋەبلىك دىنىي ئىلىم ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ئىستىكىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغۇسى.
1. «ﷲ ھېكمەتنى (يەنى ياخشى ئەمەلگە يېتەكلەيدىغان پايدىلىق ئىلىمنى) خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدۇ؛ ھېكمەت ئاتا قىلىنغان ئادەمگە كۆپ ياخشىلىق ئاتا قىلىنغان بولىدۇ. پەقەت ئەقىللىق ئادەملەرلا بۇنىڭدىن پەند – نەسىھەت ئالىدۇ» [سۈرە بەقەرە 269 – ئايەت].
2. «ﷲ ئادالەتنى بەرپا قىلغان ھالدا گۇۋاھلىق بەردىكى، ئۇنىڭدىن باشقا (ئىبادەتكە لايىق) ھېچبىر يوقتۇر. پەرىشتىلەرمۇ، ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ شۇنداق گۇۋاھلىق بەردى: ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» [سۈرە ئال ئىمران 18 – ئايەت].
3. «مۆمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى لايىق ئەمەس (ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىقتى)، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر جامائەدىن يەنە بىر تۈركۈمى دىنىي ئالىم بولۇپ، ئۇلار قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ﷲ تىن قورقۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە نېمىشقا (ئىلىم تەلەپ قىلىشقا) چىقمىدى؟» [سۈرە تەۋبە 122 – ئايەت].
4. «يۇسۇف قىرانىغا يەتكەندە، ئۇنىڭغا ھېكمەت بىلەن ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى شۇنداق مۇكاپاتلايمىز» [سۈرە يۇسۇف 22 – ئايەت].
5. «بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار» [سۈرە نەھل 43 – ئايەت].
6. «(ئى مۇھەممەد) <رەببىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن!> دېگىن» [سۈرە تاھا 114 – ئايەت].
7. «بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: <جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ﷲ قا خاستۇر!>» [سۈرە نەمل 15 – ئايەت].
8. «مۇسا ئۆسۈپ يېتىلگەندە، ئەقلى توشقاندا ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىكنى ۋە ئىلىمنى ئاتا قىلدۇق، بىز ياخشىلارغا مۇشۇنداق مۇكاپات بېرىمىز» [سۈرە قەسەس 14 – ئايەت].
9. «بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ» [سۈرە ئەنكەبۇت 43 – بەت].
10. «ﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ» [سۈرە فاتىر 28 – ئايەت].
11. «ﷲ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلار ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى دەرىجە – دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» [سۈرە مۇجادەلە 11 – ئايەت].
12. «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ!» [سۈرە ئەلەق 1 – ئايەت].
