ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ | بىلىشنىڭ ئالتە دەرىجىسى

ئىلىم بىر شەيئىنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆز پېتى، قەتئىي رەۋىشتە چۈشىنىش دېگەنلىكتۇر. بىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئالتە دەرىجىسى بار:

1) ئىلىم (العلم): بىر شەيئىنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆز پېتى، قەتئىي رەۋىشتە چۈشىنىشنى كۆرسىتىدۇ.

2) ئاددىي نادانلىق (الجهل البسيط): بۇ بىر شەيئى توغرىسىدىكى چۈشەنچىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقىدۇر.

3) مۇرەككەپ نادانلىق (الجهل المركب): بۇ بىر شەيئىنى ئۇنىڭ ھەقىقىتىگە زىت رەۋىشتە چۈشىنىۋېلىشتۇر.

4) خام خىيال (الوهم): بىر شەيئىنى شۇنىڭ ئەكسى تېخىمۇ توغرا بولۇشى مۇمكىن دېگەن رەۋىشتە چۈشىنىۋېلىشتۇر.

5) شەك (الشك): بىر شەيئىنىڭ ھەقىقىتى بىلەن شۇنىڭ زىتىنى تەڭ ئېھتىماللىققا ئىگە دەپ قارىۋېلىشتۇر.

6) جەزمگە يېقىن ئىشەنچ (الظن): بىر شەيئىنى شۇنىڭ ئەكسىي ئېھتىماللىقى تۆۋەن (ئەمما يوق ئەمەس) دېگەن رەۋىشتە چۈشىنىشتۇر.

ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئۈچ ئاساس شەرھى» دېگەن ئەسىرىدىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.

* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.