ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ شۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن، ئاللاھ قۇرئاندا بەندىلىرىنى ماختىغان سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىلىمنىڭ مېۋىسى ۋە نەتىجىسىدۇر، شۇنداقلا ئاللاھ ئەيىبلىگەن ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى نادانلىقنىڭ مەھسۇلى ۋە نەتىجىسىدۇر.
مەسىلەن، ئاللاھ ئىمانلىق بەندىلىرىنى ماختىغان بولۇپ، ئىمان ئىلىمنىڭ بېشى ۋە مېغىزىدۇر. ئاللاھ يەنە سالىھ ئەمەل قىلغان بەندىلىرىنى ماختىغان بولۇپ، سالىھ ئەمەل پايدىلىق ئىلىمنىڭ مېۋىسىدۇر.
ئاللاھ يەنە تۆۋەندىكىدەك سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان بەندىلىرىنىمۇ ماختىغان: شۈكۈرچانلىق، سەبىرچانلىق، ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىراش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھتىن ئۈمىد كۈتۈش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش، چىدامچانلىق، ئېغىر – بېسىقلىق، زېرەكلىك، ئەقىللىقلىق، ئىپپەتلىكلىك، مەرتلىك، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئۆزىنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش، بەندىلەرگە نەسىھەت قىلىش ۋە ئۇلارغا سەمىمىي بولۇش، كىشىلەرگە رەھىم قىلىش، مۇلايىملىق، كەمتەرلىك، كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىش، ئەزىيەتلىرىنى كەچۈرۈۋېتىش، كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش، يامانلىققا ياخشىلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش، سەبىر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردا سەبىر قىلىش، قازا-قەدەرگە رازى بولۇش، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا سىلىق مۇئامىلە قىلىش، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرۇش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، نادانلاردىن يۈز ئۆرۈش، نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ نەسىھەتىنى قوبۇل قىلىش، (قۇرئان-سۈننەتكە) قەتئىي ئىشىنىش، تەۋەككۈلچىلىك، ۋەزمىنلىك، تەمكىنلىك، كىشىلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈش، ئۆزئارا مېھىر-شەپقەت قىلىشىش، گەپ – سۆزدە، ئىش – ھەرىكەتتە ۋە ئەخلاقتا ھەققانىي بولۇش، ئىشلىرىدا چىدامچان بولۇش، دىندا بەسىرەتلىك (يەنى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە) بولۇش، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلاردىن ئادا-جۇدا بولۇش، كىشىلەرنى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە جەننىتىگە دەۋەت قىلىش، كىشىلەرنى ئازغۇنلارنىڭ يولىدىن ئاگاھلاندۇرۇش، تەقۋالىق يولىنى ۋە بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ئەھۋالىنى كىشىلەرگە بايان قىلىش، ئۆزئارا ھەقنى ۋە سەبىرنى تەۋسىيە قىلىشىش، مىسكىنلەرگە تائام بېرىشنى تەشۋىق قىلىش، ئاتا – ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇق – تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزۈش (سىلە – رەھىم قىلىش)، بارلىق مۇئمىنلەرگە سالام بېرىش.
مانا بۇ ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئەخلاقلار ئىلىم دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدۇر.
ئەمما، نادانلىق دەرىخىگە كەلسەك، كۇفۇر، بۇزغۇنچىلىق، شېرىك، زۇلۇم، ھەددىدىن ئېشىش، تاجاۋۇزچىلىق (ناھەقچىلىك)، چىدامسىزلىق، ئالاقزادىلىك، ۋاپاسىزلىق (تۇزكورلۇق)، ئالدىراڭغۇلۇق، تەنتەكلىك، سەپرالىق (مىجەزنىڭ چۇسلىقى)، ئەدەپسىزلىك، سەت گەپ قىلىش، بېخىللىق، پىخسىقلىق قاتارلىق بارلىق قەبىھلىكلەر (نادانلىقتىن ئىبارەت) ئەنە شۇ دەرەخنىڭ مېۋىلىرىدۇر».
«مفتاح دار السعادة ومنشور ولاية العلم والإرادة» (1/ 320 ط عطاءات العلم):
«أنَّ كلَّ صفةٍ مدحَ الله بها العبدَ في القرآن فهي ثمرةُ العلم ونتيجتُه، وكلَّ ذمٍّ ذمَّه فهو ثمرةُ الجهل ونتيجتُه.
فمدَحه بالإيمان وهو رأسُ العلم ولُبُّه، ومدَحه بالعمل الصالح الذي هو ثمرةُ العلم النافع، ومدَحه بالشكر، والصبر، والمسارعة في الخيرات، والحبِّ له، والخوف منه، والرجاء، والإنابة، والحِلْم، والوقار، واللُّبِّ، والعقل، والعفَّة، والكرم، والإيثار على النفس، والنصيحة لعباده، والرحمة بهم، والرأفة، وخفض الجناح، والعفو عن مسيئهم، والصَّفح عن جانِيهم، وبذل الإحسان لكافَّتهم، ودفع السيئة بالحسنة، والأمر بالمعروف، والنهي عن المنكر، والصبر في مواطن الصبر، والرضا بالقضاء، واللِّين للأولياء، والشِّدَّة على الأعداء، والصدق في الوعد، والوفاء بالعهد، والإعراض عن الجاهلين، والقبول من الناصحين، واليقين، والتوكُّل، والطمأنينة، والسَّكينة، والتواصل، والتعاطف، والعدل في الأقوال والأفعال والأخلاق، والقوَّة في أمره، والبصيرة في دينه، والقيام بأداء حقِّه، واستخراجه من المانعين له، والدعوة إليه وإلى مرضاته وجنَّته، والتحذير عن سُبل أهل الضلال، وتبيين طرق الغيِّ وحال سالكيها، والتواصي بالحقِّ والتواصي بالصبر، والحضِّ على طعام المسكين، وبرِّ الوالدين، وصِلَة الأرحام، وبَذْل السلام لكافَّة المؤمنين.
فهذه الأخلاقُ ونحوها هي ثمرةُ شجرة العلم.
أمَّا شجرةُ الجهل، فتثمرُ كلَّ ثمرةٍ قبيحة، من الكفر، والفساد، والشرك، والظُّلم، والبغي، والعدوان، والجَزَع، والهَلَع، والكُنود، والعجلة، والطَّيْش، والحِدَّة، والفُحْش، والبَذاء، والشُّحِّ، والبخل».
