ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ ئاراڭلاردا رىزقىڭلارنى تەقسىم قىلغىنىدەك، ئەخلاقىڭلارنىڭمۇ تەقسىم قىلغان. ھەقىقەتەن ئاللاھ مال-دۇنيانى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلارغىمۇ، ياخشى كۆرمەيدىغانلارغىمۇ بېرىدۇ. لېكىن، ئىماننى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغانلاردىن باشقىلارغا بەرمەيدۇ. ئاللاھ بىرەر بەندىنى ياخشى كۆرسە، ئۇنىڭغا ئىمان ئاتا قىلىدۇ».
مەنبە: سەھىھۇت تەرغىب 1571 – نومۇر، سەھىھ.
وعن عبد الله -يعني ابن مسعودٍ- رضي الله عنه قال:
“إنَّ الله قسَمَ بينكم أخلاقَكُمْ، كما قسَم بينكم أرْزاقَكم، وإنَّ الله يُؤْتي المالَ من يُحبُّ ومَنْ لا يحِبُّ، ولا يُؤتي الإيمانَ إلا مَنْ أحبَّ، فإذا أحبَّ الله عبداً أعطاهُ الإيمانَ”
ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھىمەھۇللاھ «قۇللۇق (بەندىچىلىك) ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتى» دېگەن ئەسىرىدە شۇنداق دېگەن:
«ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ بەندىسىگە ئېتىبار بېرىش ياكى بەرمەسلىكىنىڭ مال – دۇنيا بىلەن، رىزىقنىڭ كەڭرى ياكى تار قىلىنىشى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىدىن خەۋەر بەرمەكتە.
توغرىسى شۇكى، ئاللاھ كاپىرنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئۇنىڭغا ئېتىبار بەرگەنلىكىدىن ئەمەس. مۇئمىننىڭ رىزقىنى تار قىلىشى مۇمكىن، بۇمۇ مۇئمىننىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىز ئىكەنلىكىدىن ئەمەس.
ئاللاھنىڭ بەندىگە ئېتىبار بېرىشى بەندىنى ئاللاھنى تونۇشقا، ياخشى كۆرۈشكە ۋە ئۇنىڭغا بەندىچىلىك قىلىشقا نېسىپ قىلىشى بىلەن بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بەندىگە ئېتىبار بەرمەسلىكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشى ۋە ئۇنى گۇناھلارنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قويۇشى بىلەن بولىدۇ.
بايلىقتىمۇ، كەمبەغەللىكتىمۇ ھەمدۇ – سانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ ئەڭ بايدۇر ۋە مەدھىيەگە لايىقتۇر».
