بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ يەنە دىنىي ئىلىم ئۆگەنمەي تۇرالامسىز؟

ئىمام شافىئى رحمه الله شۇنداق دېگەن:

«مَنْ ‌لَا ‌يُحِبُّ ‌الْعِلْمَ ‌لَا ‌خَيْرَ ‌فِيهِ»

«دىنىي ئىلىمنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەمدە ياخشىلىق يوق».

[«حاشية البجيرمي على الخطيب = تحفة الحبيب على شرح الخطيب» (1/ 48)].

ئىمام بىن باز رحمه الله مۇ بۇ ھەقتە شۇنداق دېگەن:

«ومن أعرض عن الفقه في الدين فذلك من العلامات على أن الله ما أراد به الخير»

«كىم دىننى چۈشىنىشتىن يۈز ئۆرۈسە (يەنى زۆرۈر دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش خۇسۇسىدا لايىقىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسە)، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ياخشىلىق ئىرادە قىلمىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر».

ئىمام بىن باز رحمه الله نىڭ ماقالە – پەتىۋالار توپلىمى 7 – جىلىد 202 – بەت.

ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە يەنە شۇنداق دېگەن:

«فمن أعرض عن هذين الأصلين وغفل عنهما فذلك دليل وعلامة على أن الله سبحانه لم يرد به خيرا وذلك علامة الهلاك والدمار، وعلامة فساد القلب وانحرافه عن الهدى»

«كىم بۇ ئىككى ئاساستىن (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن) يۈز ئۆرۈسە ۋە بۇ ئىككىسىدىن غەپلەتتە قالسا، بۇ ئاللاھ سبحانه نىڭ شۇ كىشىگە ياخشىلىق ئىرادە قىلمىغانلىقىنىڭ، (شۇ كىشى ئۈچۈن) ھالاكەتنىڭ ۋە ۋەيران بولۇشنىڭ، قەلبتىكى بۇزۇقلۇقنىڭ ۋە ھىدايەتتىن بۇرۇلۇپ كەتكەنلىكنىڭ ئالامىتىدۇر.»

مەنبە: ئىمام بىن بازنىڭ پەتىۋا ۋە ماقالىلەر توپلىمى 9 – توم 130 – بەت.

ئىمام بىن باز رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە يەنە شۇنداق دېگەن:

«ومن المهمات التفقه في الدين فإن المؤمن والمؤمنة مأموران بالتفقه في الدين والتعلم، وهذا من الإيمان بالله ورسوله. يقول النبي صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ ‌«مَنْ ‌يُرِدِ ‌اللَّهُ ‌بِهِ ‌خَيْرًا ‌يُفَقِّهْهُ ‌فِي ‌الدِّينِ»

مۇھىم ئىشلاردىن يەنە بىرى دىننى چۈشىنىشتۇر. چۈنكى، ھەرقانداق ئەر – ئايال مۇئمىن ئۆز دىنىنى چۈشىنىشى ۋە ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ (يەنى ئىخلاس بىلەن دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش جۈملىسىدىندۇر. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ :«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىق ئىرادە قىلسا، ئۇنى دىننى چۈشىندىغان قىلىدۇ» دېگەن [سەھىھۇل بۇخارى 71].

ئىمام بىن باز رحمه الله نىڭ «ماقالە ۋە پەتىۋالار توپلىمى» 7 – توم 193 – بەت.