سوئال: كىبىر قىلماستىن كىيىمنى (كۈنىمىزدە ئاساسلىقى ئىشتاننى) ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟
ئىمام بىن بازنىڭ جاۋابى:
(ئىشتان قاتارلىق) كىيىملەرنى ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيىش جائىز ئەمەس، بەلكى ھارامدۇر. ئەگەر كىبىر قىلىش مەقسىتىدە شۇنداق قىلسا (يەنى كىيىمنى ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيسە)، بۇنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: «ئىزار (يەنى بەلدىن تۆۋەنگە كىيىدىغان كىيىملەر)نىڭ ئوشۇقتىن ئاشقان قىسمى دوزاختىدۇر» دېگەن. بۇ ھەدىستە «كىبىر قىلىپ كىيگەن بولسا» دېگەن شەرت يوق.
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يەنە شۇنداق دېگەن: «قىيامەت كۈنى الله ئۈچ تۈرلۈك ئادەمگە گەپ قىلمايدۇ، (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ ۋە ئۇلار ئېچىنىشلىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. (بۇلار مۇنداق كىشىلەردۇر): ئىزار (يەنى ئىشتان قاتارلىق ھەرقانداق كىيىم)نى ئوشۇقتىن ساڭگىلىتىۋالغۇچى، بەرگىنىگە مىننەت قىلغۇچى، مېلىنىڭ بازىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن يالغان قەسەم قىلغۇچى.» [بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم توپلىغان]
رەسۇلۇللاھ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ يەنە: «كىيىمنى ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيىشتىن ساقلىنىڭلار، شەكسىزكى بۇنداق قىلىش كىبىردۇر» دېگەن. شۇنداق بولغانىكەن، كىيىمنى ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيىش قەتئىي جائىز ئەمەس. لېكىن، كىبىرنى مەقسەت قىلىپ شۇنداق قىلسا، بۇنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. لېكىن، كىشىنىڭ كىبىر قىلىش مەقسىتى بولمىسا ۋە بەزىدە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا كىيىمى ئوشۇقىدىن ساڭگىلاپ قالسا، بۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ. (ئەبۇ بەكىر) سىددىق رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ نىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنداق ئىدى (يەنى ئۇ كىشى شۇنچە دىققەت قىلسىمۇ، ئىشتىنى بەل تەرەپتىن بوشاپ قېلىپ، ئىشتىنىنىڭ بىر پۇشقىقى بەزىدە ئوشۇقىدىن ساڭگىلاپ قالاتتى). شۇڭا، ئىنسان بۇ ئەھۋالغا ئەھمىيەت بېرىشى، كىيىمىنىڭ ئوشۇقتىن ئېشىپ كەتكەن – كەتمىگەنلىكىگە دائىم دىققەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. ئەگەر كىيىم ئوشۇقىدىن ساڭگىلاپ قالغان بولسا، ئۇنى ئۈستىگە كۆتۈرۈۋالسا بولىدۇ، بۇنداق قىلىشتا گۇناھ يوقتۇر. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ، كىيىمنى قەستەن ئوشۇقتىن ئۇزۇن كىيىش مۇنكەر ئىشتۇر.» [ئىمام بىن بازنىڭ رەسمىي تور بېتىدىكى 2826 – نومۇرلۇق پەتىۋادىن «ئۇيغۇر ئىسلام تورى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى.]
مەزكۇر پەتىۋادا ئىمام بىن باز دەلىل قىلغان بىر ھەدىسنىڭ مەتنى:
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ شۇنداق دېگەن:
رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇنداق دېگەن: «كىيىمنى ئوشۇقتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ھەزەر قىل، چۈنكى (كىيىمنى) ئوشۇقتىن ئاشۇرۇۋېتىش ھاكاۋۇرلۇقتۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ ھاكاۋۇرلۇقنى ياخشى كۆرمەيدۇ».
[«مۇسنەد ئەھمەد» 20636 – ھەدىس؛ «سۇنەن ئەبۇداۋۇد» 4084 – ھەدىس؛ بۇخارى «سەھىھ ئەدەب مۇفرەد» 905- ھەدىس؛ «سەھىھ ئىبنى ئىببان» 511 – ھەدىس، سەھىھ].
قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ – صلى الله عليه وسلم – وَإِيَّاكَ وَإِسْبَالَ الْإِزَارِ، فَإِنَّ إِسْبَالَ الْإِزَارِ مِنَ الْمَخِيلَةِ، وَإِنَّ اللهَ لَا يُحِبُّ الْمَخِيلَةَ
مسند احمد 20636 وسنن أبي داود 4084 صحيح صحيح الأدب المفرد للبخاري 905 صحيح ابن حبان 511
* ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتلىك دىنىي ئىلىملەرنى ئىگىلەپ ۋە شۇ بويىچە ئەمەل قىلىپ، دۇنيا – ئاخىرەتتە سائادەتمەنلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ بەتنى ۋە تور بېتىمىزدىكى باشقا ماقالە – پەتىۋالارنى قولىڭىزدىن كېلىشىچە تارقىتىپ قويغايسىز.
